تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق سۇيىقەستلەرگە بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرىمەن

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئىززەتگۈل

  مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر كادىر. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ياشاپ، شىنجاڭنى ئېچىش، شىنجاڭنى قوغداشقا تۆھپە قوشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ، شىنجاڭنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكانىغا ئايلاندۇردى. مەن ۋەتىنىمنىڭ گۈزەل تۇپرىقى بولغان شىنجاڭنىڭ مەڭگۈ تىنچ – ئامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا بۇ ئارزۇيۇمنىڭ بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بىراق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇققا پىسەنت قىلماي، ئىنسانپەرۋەرلىك، ھەققانىيلىقنى دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور زىيان سالدى. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى قىلمىشلىرىدىن قاتتىق يىرگىنىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي دىققىتىمنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ ۋە يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، پارتىيەنىڭ مەيدانى، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىمەن. شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى:

  بىرىنچى، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بارلىق خىزمەتلىرىمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە قەتئىي مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، پوزىتسىيەمنى توغرىلاپ، ھەرىكەتتە قەتئىي بولىمەن.

  ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاۋانگارت، نەمۇنىچىلاردىن بولىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەپ – سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىمنى يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ئۈچىنچى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئىش ئورنۇمنى سۆيىمەن، كەسپىمنى قەدىرلەيمەن. پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمگە يۈكلەنگەن ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمنى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىمنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستۈمگە ئېلىپ، مەيدانىمنى ئېنىق قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە تەشۋىقات ئىنتىزامىغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق سۇيىقەستلەرگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمايمىز. مەن جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قاچان، قەيەردە بولاي، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى