تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تاماكىغا خۇمار بولۇشمۇ كېسەللىك

     ئېلىمىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا تاماكىغا خۇمار بولۇشنىڭ تېبابەتتە سوزۇلما كېسەللىك دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «تاماكىنى كونتىرول قىلىش دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىن نۇقتا كىشىلەرنىڭ تاماكا خۇمارىنى كېسەللىك دەپ قارىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تاماكىدىن ھوشيار تۇرۇشىنى خالىمايدىغانلىقى بولۇۋاتىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە تاماكا چىكىش ۋە نىمكەش تاماكا زىيىنى 30 نەچچە خىل يامان سۈپەتلىك ھەمدە مېڭە ئۆلۈش، ئەمالىق، كۆزگە ئاق چۈشۈش، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، توسۇلۇش خارەكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ».

     مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «تېبابەتتە تاماكا خۇمارى ئاللىبۇرۇن سوزۇلما كېسەل، دەپ بېكىتىلگەن. تاماكىدىكى نىكوكتىن ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ئارقىلىق قانغا كىرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى دوپامىننى غىدىقلاپ، نىرىپلارنى جانلاندۇرۇپ كىشىنى خۇشال قىلغاچقا،كىشىنى چەككەندىن كېيىن بېسىم يېنىكلىگەندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە تاماكا ئېلىپ كەلگەن خەتەر ئۇلار ئېرىشكەن بۇ كىچىككىنە خۇشاللىقتىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك، ئۇنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمى خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى