تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئېۋىرغول رايونىدىكى كادىرلار تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى مالىيە ئىدارىسى تۇغقانلىرى بىلەن يېقىندا بەخت كەنتىدىكى مەھەللە كومىتېتىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ۋە بىرلەشمە دوستلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۆزگىچە مەزمۇنلۇق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بەخت كەنت مەھەللىسىدە قازاق ئاھالىلىرى كۆپ بولۇپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» مەزگىلىدە، تۇغقانلىرىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، ئېۋىرغول رايونىدىكى مالىيە ئىدارىسى شىنخۇا كىتابخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 70 قازاق تىلى نۇسخىسىدىكى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ كىتابىنى ۋە 10 ئۇيغۇر تىلى نۇسخىسىدىكى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ كىتابىنى سېتىۋېلىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە قولايلىق ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كادىرلار يەنە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى توپلىمى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» قاتارلىق تەشۋىقات قوللانمىلىرىنى ئېلىپ كەلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغقانلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئېۋىرغول رايونىدىكى مالىيە ئىدارىسى كەشتىچىلىك كارخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە كەشتىچىلىك ئەۋرىشكىلىرىنى بەخت كەنتىگە ئېلىپ كېلىپ، مەھەللىدىكى 15 ئايالنى كەشتىچىلىك بويىچە تەربىيەلىدى. يەنە شەھەرلىك «تيەنگۇڭ» ئىجادىيەت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى تۇغقىنىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى