تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئون تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئون تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئون تىپىك مەسىلە مۇنۇلار:

  1.قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ھاكىمى ئابلەت موللانىياز، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى مارياڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ليۇ شياۋجۈننىڭ تەشكىلنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش مەسىلىسى. ئابلەت موللانىياز 2017 – يىلى 6 – ئايدا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، ليۇ شياۋجۈن خۇسۇسىي نامىدىن بەرگەن زىياپەتكە قاتناشقان، ئارقىدىن يەنە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ليۇ شياۋجۈن ئالىي رېستوراننىڭ KTV زالىدا تەشكىللىگەن يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان. 2017 – يىلى 11 – ئايدا ئابلەت موللانىيازغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى، ليۇ شياۋجۈنگە پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  2.كۈنەس ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى ئۇل قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ كادىرى ياڭ لېينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە ھەدىيە پۇلى ئېلىش مەسىلىسى. ياڭ لېي 2015 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ما XX، جاۋ XX ۋە جۈ XX نىڭ ئۈندىداردا يۆتكەپ بەرگەن ھەدىيە پۇلىدىن 15 مىڭ يۈەننى ئالغان، يەنە ئۇلاردىن قىممىتى 3500 يۈەنلىك مال سېتىۋېلىش كارتىسىدىن يەتتىنى ھەم قىممىتى 6500 يۈەنلىك ھاراق – تاماكا ئالغان. 2016 – يىلى 7 – ئايدا مەلۇم شىركەتنىڭ تۈر دىرېكتورى چېن XXكە تۇغقانلىرىغا كۈنەس ناھىيەلىك مېھمانخانىدىن تۆت ئېغىز ياتاق ئېچىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇزۇپ ھەق تۆلىمىگەن. ياڭ لېينىڭ 2015 – يىلى 2 – ئايدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، مەمۇرىي جەھەتتىن چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسىغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق مەسىلىسىنى، خاراكتېرىنىڭ ئىنتايىن ناچار بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2017 – يىلى 6 – ئايدا ياڭ لېيغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  3.جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازارلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ لىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياردەم پۇلى ۋە پاراۋانلىق تارقاتقانلىق مەسىلىسى. جاڭ لىڭ 2014 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، پونكىتتىكى كادىر – خىزمەتچىلەرگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆپ قېتىم تولۇقلىما ياردەم پۇلى ۋە پاراۋانلىق بولۇپ جەمئىي 210 نەچچە مىڭ يۈەن تارقاتقان؛ ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىپ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلىغان. 2017 – يىلى 11 – ئايدا جاڭ لىڭغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  4.ئالتاي شەھىرى لاستى يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ساۋ جىنگاڭنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش مەسىلىسى. ساۋ جىنگاڭ 2017 – يىلى 3 – ئايدا بەنزىنى تەڭشەشنى باھانە قىلىپ، بەنزىدىكى 16 ئەزانى تەشكىللەپ، ئورگان ئاشخانىسىدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ساۋ جىنگاڭنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. 2017 – يىلى 10 – ئايدا ساۋ جىنگاڭغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ بىر يىل سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  5.ئاقتۇ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ شياۋمېينىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش قاتارلىق مەسىلىسى. شۈ شياۋمېي 2016 – يىلى 10 – ئايدىن 2017 – يىلى 5 – ئايغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىمدا ھۆكۈمەتنىڭ 19 مىڭ 200 يۈەن پۇلىنى ئىشلىتىپ خىرۇستال مارجان، قۇرۇق يەل – يېمىش، تاڭزۇڭزا قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ بايراملىق سوۋغات بېرىشكە ئىشلەتكەن؛ كۆپ قېتىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش پۇلى، كاماندىروپكا پۇلى تارقىتىش نامى بىلەن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىدارىدىكى كادىر – خىزمەتچىلەرگە جەمئىي 48 مىڭ 600 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقاتقان، ئۆزى 3700 يۈەن ئالغان. 2017 – يىلى 11 – ئايدا شۈ شياۋمېيغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  6.نىيە ناھىيەسى يېيىق يېزىسى سېغىزئۆي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى مەتتۇردى نىيازنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن مېھمان كۈتۈش قاتارلىق مەسىلىسى. مەتتۇردى نىياز 2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە سېغىزئۆي كەنتىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار تاپشۇرغان يەر ئىجارە پۇلىدىن 1000 يۈەننى ۋە قىممىتى 5000 يۈەنگە باراۋەر ئالتە قوينى ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن مېھمان كۈتۈشكە ئىشلەتكەن. 2015 – يىلى دېھقان – چارۋىچىلاردىن مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ھەققى نامى بىلەن، 117 مىڭ 700 يۈەن يىغىشنى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ 27 مىڭ 300 يۈەنىنى مېھمان كۈتۈش، سوۋغات بېرىش قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، مەتتۇردى نىيازنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. 2017 – يىلى 12 – ئايدا مەتتۇردى نىيازغا پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلدى.

  7.بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سەيجېكنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە ھەدىيە پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. سەيجېك 2013 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە بولغان بايرام مەزگىللىرىدە باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىدىن كۆپ قېتىمدا جەمئىي 28 مىڭ يۈەن ھەدىيە پۇلى ھەم ھاراق – تاماكا، يەرلىك مەھسۇلات قاتارلىق سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغان. 2017 – يىلى 11 – ئايدا سەيجېككە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  8. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېربولات ئاباقنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش قاتارلىق مەسىلىسى. ئېربولات ئاباق 2013 – يىلى چاغاندا ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىپ، قىممىتى 40 مىڭ يۈەنلىك سوۋغات سېتىۋېلىپ باشقىلارغا ھەدىيە قىلغان؛ 2014 – يىلى 1 – ئايدا ئىشخانا بۇيۇملىرى، ئاپتوموبىل بالونى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش نامى بىلەن، 12 مىڭ 500 يۈەنلىك ھاراق – تاماكا سېتىۋېلىپ ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن مېھمان كۈتۈشكە ئىشلەتكەن. 2017 – يىلى 11 – ئايدا ئېربولات ئاباققا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  9.بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مۇختار مەمەتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەتكە قاتنىشىش مەسىلىسى. مۇختار مەمەت 2016 – يىلى 10 – ئايدىن 2017 – يىلى 2 – ئايغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ بۈگۈر بازىرى ياقاباغ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئابلا ئابلەت مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن زىياپەتكە قاتناشقان ھەم تاماقتىن كېيىن KTVغا بېرىپ ناخشا ئېيتىپ، ھاراق ئىچىپ ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. 2017 – يىلى 11 – ئايدا مۇختار مەمەتكە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  10. ئاقسۇ شەھەرلىك تەمىنات – سودا ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى لى جىلياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئېلىش مەسىلىسى. لى جىلياڭ 2013 – يىلى 1 – ئايدىن 2014 – يىلى 3 – ئايغىچە كەسپىي ئىشتاتلىق خادىم بولغاندىن كېيىن، يەنىلا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇدىرىيەت تارقاتقان 15 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئالغان. 2017 – يىلى 11 – ئايدا لى جىلياڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2018 – يىلى يېڭى يىل، چاغان مەزگىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇھىم بايرام مەزگىلى، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش – ئاشۇرالماسلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىزنىڭ پارتىيەنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە ئىشىنىش – ئىشەنمەسلىكىگە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇشتا ياخشى باشلىنىش قىلىش – قىلالماسلىقىمىزغا، ياخشى قەدەم ئېلىش – ئالالماسلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرى سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹تۆت خاھىش››نى يەنىمۇ تۈزىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى بايرام›› مەزگىلىدە داۋاملىق ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى››نى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى قاتتىق سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. ‹‹ئىككى بايرام›› مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ئېلىش، سوۋغات بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەت بېرىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىش، ئۈندىداردا قىزىل بولاق ئېلىش ۋە بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يوشۇرۇن يەپ – ئىچىش قاتارلىق ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىلىرىگە كۆز تىكىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ‹‹مىخ قېقىش روھى›› بىلەن داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، نۇقتىلىق تۇتۇپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى