تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەريا باشلىقى تۈزۈمى تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇردى

  مۇخبىرىمىز شيا چىڭ

  باغراش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم بادەي 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك قاتتىق سوغۇققا قارىماي، سېرىقسۇ جىلغىسىدىكى 1 – نومۇرلۇق توغانغا كەلدى. ئۇ كۆزىنى دەريادىن بىر مىنۇتمۇ ئۈزمەيتتى، بىردەم – بىردەم يان تېلېفونىنى ئېلىپ، دەريانى سۈرەتكە تارتاتتى.

  باغراشنىڭ دەريا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەۋاتقان بادەي مۇنداق دېدى: بۈگۈن دەريا سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى ئىكەن، ئەگەر بىرەر مەسىلىنى بايقاپ قالساق، ئالاقىدار دەريا باشلىقى، مەسئۇل تارماق ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقى دەرھال سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

  بادەي 2017 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دەريا باشلىقلىقىغا سايلانغاندا بېسىم ھېس قىلغانىدى. سېرىقسۇ جىلغىسى بويىدىكى كارخانىلار ۋە ئاھالىلەر ئۇزاقتىن بۇيان يۇندىلارنى دەرياغا تۆككەن، بۇلغانغان سۇ ئاخىرىدا باغراش كۆلىگە قۇيۇلغانىدى. بادەي بۇلغىمىنى مەنبەدىن تېزدىن تىزگىنلەش ئۈچۈن ئوزۇق – تۈلۈكلەرنى ئېلىپ، ئۇدا ئون كۈن قومۇشلۇقتا يۈرۈپ يۇندى ئېغىزىنى ئىزدىدى، بۇلغىما مەنبەسىنى تاپقاندىن كېيىن دەرھال كۈچ تەشكىللەپ، يېڭىدىن ئۆستەڭ چېپىپ، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن سۈنئىي قومۇشلۇققا باشلاپ، يۇندىنىڭ بىۋاسىتە كۆلگە قۇيۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  دەريا باشلىقى تۈزۈمى خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشگە كاپالەتلىك قىلدى، شۇنداقلا تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى چوقۇم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ھازىر باغراش ناھىيەسىدىكى قايدۇ دەرياسى، كۆنچى دەرياسى، سېرىقسۇ جىلغىسى، چىڭسىخوزا دەرياسى ۋە باغراش كۆلى يېزىسىدىكى ئېقىنلارنىڭ ھەممىسىدە دەريا باشلىقى، مۇئاۋىن دەريا باشلىقى، ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بىڭتۈەن ۋە يەرلىك دەريا باشلىقى تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغراش ناھىيەسى ناھىيەدىكى 33 زەيلىكنى دەريا باشلىقى تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، دەريا (ئۆستەڭ) باشلىقى بەلگىلەپ، بۆلەكلەرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويدى. ھەر بىر ئېقىن، ھەر بىر زەيلىكنىڭ كونكرېت مەسئۇل خادىمى بولۇش، خىزمەت مەسئۇلىيىتى بولۇش، باھالاش ئۆلچىمى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ۋادى، پۈتۈن جەريان بويىچە باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىدى.

  يېقىندىن بۇيان، بادەينىڭ ياردەمچىلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، تابانجۆكىن يېزىسى كېرىمخار كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يې فۇخەي ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، ئۇ يەنە غالىبىيەت غول ئۆستىڭىنىڭ دەريا باشلىقى.

  باغراش ناھىيەسىدە دەريا چارلاشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، يېزا باشلىقى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەريا باشلىقى، ئۆستەڭ باشلىقى، بۆلەك باشلىقى بولۇپ، ئۆز تەۋەلىكىنى باشقۇرىدىغان بولدى، ناھىيە ھەر بىر بۆلەك باشلىقىدىن شۇ بۆلەكتىكى دەريا ۋە ئۆستەڭگە ئەخلەت تۆكۈش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشكە رۇخسەت قىلماسلىق، ئامما پاش قىلغان ھامان دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  باغراش ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جىندۇ مۇنداق دېدى: يېزا – بازار، ئالاقىدار تۈەن – مەيدانلار ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەر بىر دەريا ئېقىنى، زەيلىكنىڭ ئەھۋالىنى تېز ئېنىقلاپ، دەريا باشلىقى ئېلان تاختىسى تەسىس قىلىپ، ناھىيە دائىرىسىدىكى ھەر بىر دەريا (ئۆستەڭ) ئېقىنىنىڭ باشلىنىش ئورنى ۋە ئېقىش يۆنىلىشى، دەريا بۆلىكى (ئېرىق) دائىرىسى، ئۈچ دەرىجىلىك دەريا باشلىقىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، باشقۇرۇش دائىرىسى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، تۈزەش نىشانى ۋە نازارەت قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ناھىيە بويىچە دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىدە ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

  تارىم دەرياسى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ بوستانلىقىنى ياشارتقان ‹‹ئانا دەريا››. ئىنسانلار پائالىيىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۇ بايلىقىنى ئۈنۈمسىز ئېچىش ۋە تۆۋەن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋەبىدىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن بۇيان، غول ئېقىنغا ئېقىپ بارىدىغان سۇ يىلمۇ يىل ئازىيىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 300 كىلومېتىردىن كۆپرەك دەريا قىنى قۇرۇپ كەتتى.

  2000 – يىلىدىن باشلاپ، مەركەز زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى يولغا قويۇپ، ئۇدا 18 يىل تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جىددىي ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىپ، تۆۋەن ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا 30 يىل سۇ ئۈزۈلۈپ قىلىش تارىخىغا خاتىمە بەردى.

  بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنى تۈزەش ۋە قوغداش خىزمىتى سۇپىسى ھازىرلاپ، دەريا، كۆللەرنى تۈزەش ۋە قوغداشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ۋادى ئاپپاراتىنىڭ يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، ئۆلچەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ‹‹بىر دەريا (كۆل)دا بىر سىياسەتنى يولغا قويۇش›› لايىھەسىنى تۈزۈپ، دەريا باشلىقىغا ماسلىشىپ دەريانى چارلاپ، ۋادى دەريا باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  تارىم دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسى بوستان كەنتىدىكى دېھقان مەمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيى ئىنتايىن ئاز ئىدى، قۇرغاقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، سۇ يىلدىن – يىلغا كۆپىيىپ، توغراقلار كۆكىرىپ، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى