تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز

  ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  ‹‹ئۈچ يىلدىن كېيىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىدا تۇنجى قېتىم مۇتلەق نامراتلىق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش بولۇپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىشنى تاماملايلى››. يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىن زور ئىلھام ئالدى، كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئۇلۇغ پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا يېقىن يول يوق، جەزمەن خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىگەندىلا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتقاندىلا، شەكىلۋازلىق قىلماي، تەرسالىق قىلماي مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، كىچىك ئېقىننى دېڭىزغا ئايلاندۇرغىلى، بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.

  تولى ناھىيەسى كۇب يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ئەسەت مۇنداق دېدى: تولى ناھىيەسى 2017 – يىلى ‹‹نامراتلىق قالپىقى››نى ئۈزۈل – كېسىل چۆرۈپ تاشلىدى، لېكىن بۇنى ئاخىرقى نۇقتا دېيىشكە بولمايدۇ. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. بىز 2018 – يىلى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق تەڭشەش، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەيمىز.

  ئارشاڭ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زوچىڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹پۈتكۈل جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈپ، يېڭى غەلىبىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك›› دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، رەئىسنىڭ سۆزى قەلبىمگە ئورناپ كەتتى، بۇ ھەم مەدەت، ھەم مەسئۇلىيەت. ئارشاڭ ناھىيەسى نامراتلىق بىر قەدەر ئېغىر ناھىيە. ھازىر، ناھىيەمىزدە ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 4636 ئائىلىلىك 11 مىڭ 857 نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارنى مۇستەھكەملەش ۋە يۆلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  تېخى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ‹‹ئالاھىدە نامرات ئائىلە›› ھېسابلىنىدىغان قورايبېك ئەرخوجا بۈگۈنكى كۈندە كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شوربۇلاق بازىرى قۇمتۆپە كەنتىدىكى بېيىش ‹‹سەركىسى››گە ئايلاندى، ئۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى تاپتىم، كۆپچىلىكنى نامراتلىقتىن بىرلىكتە قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى كۈنسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.

  خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى دامىتى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 – شۇجىسى شى سۈنباۋ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنى ھەر بىر كىشىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىز ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ‹‹بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمىز››، ‹‹بىرىنىمۇ كەم قويماسلىقىمىز›› كېرەك.

  تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى سىڭگىم يېزىسى قەستۇر كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئوسمان ساتتار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلق ئويلىغاننى ئويلاپتۇ، خەلق ئالدىرىغان ئىشلارغا ئالدىراپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان نۇرغۇن تەدبىر ۋە چارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، مەنمۇ ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇپ بېيىشقا تىرىشىمەن.

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرى ماشئېڭىز كەنتى 2017 – يىلى 12 – ئايدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارقىلىق، نامرات كەنت دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى. كەنت ئاھالىسى ئەخمەت ھاشىم مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى قىلدى، بۇ يىل باشقىلارغا قوي بېقىپ بېرىپ 20 مىڭ يۈەن، ھۆددىگە ئالغان يېرىمدىن يەنە 20 نەچچە مىڭ يۈەن، پاختا تېرىپ 7 – 8 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم، بۇ يىلقى كىرىمىم 50 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى، قالغىنى ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاچاتاغ يېزىسى توقسۇن تېتىر كەنتىدىكى ئىمىر توختى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تېلېۋىزوردىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىدى. ئىمىر توختى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹2017 – يىلى يېزىلاردىكى يەنە 10 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى›› دېدى. ئائىلىمىز دەل بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بىزنىڭ ئاران ئۈچ مو كېۋەزلىكىمىز بار، شۇڭا سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەكلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئۆز قەرەلىدە چۆرۈپ تاشلىدۇق.

  (گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن فەن چۈنخەي، تۇرپان مۇخبىرلار پونكىتىدىن دۇڭ شېڭشياڭ، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن مۇ لىن، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ لى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋۇ چيۇڭ، جۇ خۇڭشۈن، لياڭ جىڭ، رېن لىيىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى