لەنجۇ-خەيكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان بۆلىكى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: لەنجۇ-خەيكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى زۇنيى-گۈيياڭ بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 2-يانۋار رەسمىي قاتناش باشلاندى. بۇ لىنىيە يەنە گۈيياڭ-زۇنيى يۇقىرى سۈرئەتلىك قوش يولى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدە قوش يۆنىلىشتە ئالتە ئاپتوموبىل يولى تەسىس قىلىندى. بۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى قاتناش بېسىمى يېنىكلىتىش، گۈيياڭ-زۇنيىنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەر-بازارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا شەھەر تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
(جاڭ خۇي فوتوسى)