تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

تارىم نېفىتلىكىنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزگەن گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: تارىم نېفىتلىكىنىڭ 13 يىلدىن بۇيان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي يەتكۈزگەن گاز مىقدارى 2017-يىل 31-دېكابىرغىچە 200 مىليارد 98 مىليون كۇب مېتىر بولغان، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى بىلەن باراۋەر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ نېفىتلىكنىڭ يىللىق نېفىت-گاز مەھسۇلاتلىرى ئېكۋىۋالېنتىمۇ 25 مىليون 330 مىڭ توننىغا يېتىپ، دۆلىتىمىز ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ئۈچىنچى چوڭ نېفىتلىك-گازلىققا ئايلانغان.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تەبىئىي گاز ئومۇمىي بايلىق مىقدارنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ، بولۇپمۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئىي گاز بايلىقى مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي تەبىئىي گاز بايلىقى مىقدارىنىڭ %22 ىنى ئىگىلەيدۇ. تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2002-يىلى 5 مىليون توننا بولغان، 2017 –يىلىغا بارغاندا 25 مىليون توننىدىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى