تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچىگە ئاپىرىن ئېيتايلى

  ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018–يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (2)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  قالتىس جۇڭگو ھېكايىسىنى خەلق ئورتاق يېزىپ چىققان؛ كىشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى خەلق قول تۇتۇشۇپ ياراتقان.

  رەئىس شى جىنپىڭ 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدىكى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشلارنى، چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن مۇنداق دېدى: ‹‹مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن!››، بۇ، ئىلگىرىكى نەتىجىلەرگە ئوقۇلغان يۈكسەك مەدھىيە، شۇنداقلا كەلگۈسى كۈرەشكە قىلىنغان ئىلھام ۋە ھەيدەكچىلىك. ‹‹مەن كۆپچىلىككە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن››، ‹‹مەن ئۇلۇغ خەلققە ئاپىرىن ئوقۇيمەن››، ‹‹مەن يولداشلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن››... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېيتىلغان رەھمەتلەر، خەلقنىڭ تۆھپىسىگە بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەتلەر، خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت روشەن خەلقچىللىقنى نامايان قىلىپ، ‹‹خەلق ھەممىدىن ئەلا››دىن ئىبارەت ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسەتنى ئوچۇق جاكارلىدى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگونىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى دۇمبىقى جاراڭلىق چېلىندى. بىر قاتار ‹‹جۇڭگو زىلزىلىسى›› پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىدا ‹‹جۇڭگو دولقۇنى››نى كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ يېڭى كەلگۈسىگە ئېنىقلىما بەردى. ھاياتى بەدىلىگە يەر شارىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكۈر قورالىنى ئىجاد قىلغان خۇاڭ دانيەن، لىڭدىڭياڭ قولتۇقىدا ‹‹دېڭىز ھالقىغان كۆۋرۈك›› سالغان لىن مىڭ، ‹‹شەرقتىكى سېھىرلىك شال››نى يېتىشتۈرگەن يۈەن لۇڭپىڭ، ئالدىنقى كىۋانت پەن – تېخنىكا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان پەن جيەنۋېي، يۇلتۇزلار ھەمراھى دەپ تەرىپلەنگەن ‹‹ئەرش كۆزى›› قۇرۇلۇشىنىڭ باش ئالىمى نەن رېندۇڭ... بۇ بىر يىلدا، ئۇلار 80 مىليوندىن ئارتۇق پەن – تېخنىكا خىزمەتچىسى بىلەن بىللە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ‹‹ئوت››ىنى تۇتاشتۇرۇپ، پېشۋالارنىڭ ھۈنىرى ئارقىلىق چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرىنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو پەن – تېخنىكىسىنى ‹‹ئەگىشىپ يۈگۈرگۈچى››دىن ‹‹بىللە ماڭغۇچى››غا، ھەتتا ‹‹باشلاپ يۈگۈرگۈچى››گە ئايلاندۇرۇپ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا بارلىق ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، بارلىق مەنبەلەر تولۇق ئېچىلىپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىدىن دەۋرنىڭ ئۇلۇغ ئېقىنى شەكىللەندۈرۈلۈپ، تارىخ ئاسمىنىغا خاتىرىلەندى. 2017 – يىلى جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى 22 – ئورۇنغا ئۆرلەپ، دۇنيا بويىچە 2 – چوڭ ئىگىلىك تىكلەش بازىرىغا ۋە ‹‹كەركىدان››نىڭ دۇنياغا كەلگەن جايىغا ئايلاندى؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىسلاھاتقا كۈچ چىقىرىلدى، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىندى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى پىلانلاندى، ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىلارنىڭ تەڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى توغرىسىدا ئىزدىنىلدى، ‹‹گۈزەل جۇڭگو››نىڭ گۈزەللىكى نامايان قىلىندى، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى يارىتىلدى... قانچىلىغان مۈشكۈلاتلاردىن غالىب كېلىش، قانچىلىغان قورقماي ئىزدىنىش، يۈز مىليونلىغان خەلقنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، ئۇلۇغ ئىجادىيەت كۈچى ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ــ ‹‹جۇڭگو›› ناملىق غايەت زور پاراخوتنى يېڭى سۇ دائىرىسىگە باشلاپ كىردى.

  بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئەينى يىلى شياۋگاڭسۈن كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە كۆتىرە بېرىش توختامىغا بارمىقىنى بېسىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات مۇقەددىمىسىنى ئاچقانىدى؛ يىۋۇلۇقلار ‹‹توخۇنىڭ پېيىغا كەمپۈت تېگىشىش›› ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، ئۇششاق تاۋارلار دۇنيا چوڭ بازارلىرىغا يۈزلەندى... بۇ ئۇلۇغ ئىجادىيەتلەر ئاساسىي قاتلامدىكى تۇپراقتىن كەلگەن، يۈز مىليونلىغان خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە يەنىلا ئىسلاھات ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا موھتاج. مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ھەر خىل رامكا ۋە قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، چىتلاق ۋە قاشالارنى چۇۋۇپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تۈزۈم مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق كەڭرى زېمىندىكى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە قايناق ھېسسىياتى بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ئەڭ تولۇپ تاشقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىمىز، بۇ، بىزنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىمىزدىكى ئەڭ تۈپ ئاساسىمىز.

  ‹‹مىليونلىغان ئاددىي كىشىلەر ئەڭ ئۇلۇغ››، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە نىسبەتەن ‹‹خەلق›› ئەڭ تۈپ پەلسەپە. يېڭى دەۋر دەرۋازىسىنى ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلىسەكلا، جەزمەن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىشلىرىمىزنى ئالغا سىلجىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى