تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 2018-يىلى «يۈز مىليون» توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 2017-يىلى 28-دېكابىر 2018-يىللىق جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىستىراتېگىيە ئابۇنتى ئىستىراتېگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ۋە كۆمۈركان تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج كۆرۈشۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يۈك توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدىكەن.

 كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، كۆمۈر كانغا ئېھتىياجلىق 13 كارخانا، 24 شىنجاڭدىكى 24 مەركەز كارخانىسى، شىنجاڭدىكى چوڭ كارخانىلار قاتارلىقلار جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن 2018-يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك تىرانسپورت ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان جەمئىي توشۇش مىقدارى 91 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %31 ئاشتى.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يۈك توشۇش مىقدارى تارىخىي يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە پۈتۈن يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 97 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2016 - يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %40 ئاشقان.

 مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 30 مىليون توننىلىق نىشان تاماملىنىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 127 مىليون توننىغا يەتكەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا تۈرلەر بويىچە توشۇلۇش مىقدارى ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان بۇيۇملار كۆمۈر، پولات-تۆمۈر، خىمىيە-سانائىتى، مېتال رۇدا، نېفىت بولغان.

 ئىگىلىنىشىچە، كۆمۈر شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى يۈك توشۇلۇش مىقدارى ئەڭ كۆپ بۇيۇملارنىڭ بىرى بولۇپ، توشۇلۇش مىقدارىنىڭ تۆتدىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە %70 كۆمۈر شىنجاڭ ئىچىگە، %30 ى شىنجاڭ سىرتىغا توشۇلىدىكەن. ۋاھالەنكى شىنجاڭنىڭ سىرتىغا توشۇش مىقدارىمۇ بۇ يىل ئاشىدىكەن، بولۇپمۇ لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريول لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇيدىغان 2-تونېل ئېچىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى