تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

قەشقەر شەھىرىدە «پەرىشتىلەرنى قوغداش» قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلدى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: بۇلتۇر 29-دېكابىر قەشقەر شەھىرىدە «پەرىشتىلەرنى قوغداش» قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلدى. قەشقەر شەھىرىدىكى مىڭدىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار بالا 300 مىڭ يۈەنلىك ماددىي بۇيۇم ياردىمىگە ئېرىشتى.

    ئىگىلىنىشىچە، «پەرىشتىلەرنى قوغداش» قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى شېنجېن شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي خىزمەت ساھەسىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ بىر قىسمى، بۇ تۈر ئاساسلىقى قەشقەر شەھىرىدىكى 6 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم بېرىدىغان تۈر بولۇپ، شېنجېن شەھىرى بۇنىڭدىن كېيىن بىر مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، بۇ تۈرنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن. بۇ تۈردە ھازىرغىچە ھەرقايسى يېزا-كەنت، ئىجتىمائىي رايونلاردا 20 مۇلازىمەت نۇقتىسى، بەش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى ۋە 15 ئومۇملاشتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قەشقەردىكى قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى