ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: «بۈگۈن ھاۋا خېلى سوغۇق بوپتۇ-، ھە». بۇ يېڭى يىلدىن كېينكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە كىشىلەر ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان پاراڭ تېمىسى بولۇشى مۇمكىن. 2-يانۋار سەھەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃18.6- بولۇپ، ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن ℃5.6- چۈشۈپ، بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكى باش مەلۇماتچى ۋاڭ جيەننىڭ ئېيتىشىچە، يانۋار بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىل بولۇپ، بۇ يىل ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ بۇنداق تۆۋەن بولۇشىمۇ قىش پەسلىدىكى نورمال ھاۋارايىغا تەۋە بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، قاتتىق سوغۇق يەنە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كېلىمات ھەرىكىتىمۇ بارغانسېرى نورماللىشىدىكەن. مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۈگۈن كۈندۈزدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20- بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئازراق قار ياغىدىكەن.
پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىن قارىغاندا، بۈگۈن كۈندۈزدە بورتالا ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تارباغاتاينىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان رايونلاردا 5~4 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي كونا شامال ئېغىزى بىلەن مايتاس شامال ئېغىزى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي بوران رايونىدا 8~ 7 بالغىچە بوران چىقىدىكەن.