تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۈگۈر ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: بۈگۈر ناھىيەسى 2017 – يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە ئۈنۈم ياراتتى.

  بۇ ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق، قەدەم باسقۇچلۇق قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن كەسىپكە پىششىق مەخسۇس ۋەزىپىدىكى سەككىز كادىرنى ناھىيەلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر يېزا – بازاردا ئىش تەقسىماتىدىكى بىردىن رەھبىرىي كادىر ۋە بىردىن مەخسۇس خادىم بولۇش، كەنتلەردە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل مەخسۇس كادىردىن بىردىن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت سالمىقىنى قاتلاممۇ قاتلام كۈچەيتتى. مەبلەغنى ئۆز جايىغا ئىشلىتىشنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، 793 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن تەرەققىيات مەبلىغى تارقىتىپ بەردى.

  ‹‹كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە›› ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇپ، 419 نامرات ئائىلىگە 12 مىليون 70 مىڭ يۈەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل تارقىتىپ بەردى. 390 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇسىنى ياخشىلاش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە 37 مىڭ 500 يۈەندىن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆي تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈردى. 10 مىڭ 139 نامرات نوپۇسنىڭ داۋالىنىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كاپالىتى›› كارتىسى بېجىرىپ بېرىپ، داۋالىنىشتا شەخسلەر ئۆزلىرى چىقىم قىلغان خىراجەتنىڭ %50 لىك نىسبىتى بويىچە تولۇقلىما بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، ياتاق، قاتناش، دەرسلىك، تاماق قاتارلىق ‹‹خىراجەت››لىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 51 ياشنى 88 .2556 يۈەن ئايلىق ئىش ھەققى بىلەن پاراۋانلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلىپ، 62 نامرات ئائىلىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى