تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

بورتالا ئوبلاستىدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئىمپورت–ئېكسپورت سودىسى ئاشتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابدۇغېنى ھاجىيوپ خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا بورتالا ئوبلاستىدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 694 مىليون 630 مىڭ دوللارغا يېتىپ، 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %50.8 ئېشىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %83ى ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سودا سوممىسى 394 مىليون 960 مىڭ دوللارغا يېتىپ، 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %91، ئىمپورت سودا سوممىسى 299 مىليون 670 مىڭ دوللارغا يېتىپ، 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18 ئاشقان.

  بورتالا ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا بورتالا ئوبلاستى باشقۇرۇشىدىكى يەرلىك كارخانىلاردىكى ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسىدا نەتىجىسى بار كارخانىلار 140 قا يېتىپ، 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33 كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 108 كارخانىنىڭ سودا سوممىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى