تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بېلى ئاغرىسا قانداق قىلىش كېرەك

  1. بەلنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قولىڭىز بىلەن يېنىك ئۇۋىلاپ بېرىڭ، ھەرگىز كۈچەپ، قولىڭىز بىلەن مۇشتلاپ ئۇرماڭ. بۇ مەزگىلدە قىزلارنىڭ تېنى ئاجىز بولىدۇ، بېلىڭىزنى كۈچەپ ئۇرسىڭىز، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  2. ئورۇندۇقتا دۈم يېتىپ ئۇخلىماڭ، كىچىك ياستۇقنى يۆلەنچۈك قىلىپ، تۈز ئولتۇرۇپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ، مەيدىڭىزنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرۇڭ، بۇنداق ئولتۇرغاندا بەل - قورساق ئاغرىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  3. بەل - دۈمبىنىڭ تېلىپ ئاغرىشى ھەيزنىڭ راۋان بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، گىرېلكا بىلەن دوۋسۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، دوۋسۇنغا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەل ۋە قورساق ئاغرىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  4. خېگۇ پەللىسىنى بېسىپ بېرىش. كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن باش بارماقنى جۈپلىسەك، چوقچىيىپ چىققان بىر مۇسكۇلنى كۆرەلەيمىز، بۇ مۇسكۇلنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ئورنى دەل خېگۇ پەللىسى بولىدۇ . ھەر كۈنى ۋاقىت چىقسىلا بىر قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن يەنە بىر قولىنىڭ خېگۇ پەللىسىنى بېسىپ، ھەر قېتىم باسقاندا، بەش سېكۇنت بېسىپ تۇرۇپ، ئاندىن قويۇۋېتىمىز، قايتا - قايتا ئۈچ مىنۇتتەك داۋاملاشتۇرىمىز.

  5. گۇەنيۈەن پەللىسىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. باش بارماقتىن سىرت قالغان تۆت بارماقنى جۈپلەپ، ئاندىن ئوتتۇرا بارماق ئارىلىقتىكى بوغۇم ئۆلچەم قىلىنىدۇ، مۇشۇنى ئۆلچەم قىلىپ كىندىك تۆت ئەتراپىدىكى گۇەنيۈەن پەللىسىنى تاپىمىز. ئىسسىق سۇغا بىرنەچچە تامچە ئۈستىقۇددۇس جەۋھىرىنى تېمىتىپ، لۆڭگىنى ھۆلدەپ، سەل سىقىپ گۇەنيۈەن پەللىسىگە قويۇپ ئىسسق ئۆتكۈزىمىز، لۆڭگە سوۋۇپ كەتسە قايتىدىن ھۆل قىلىپ،مۇشۇ ئۇسۇلدا قايتا – قايتا ئون مىنۇتتەك ئىسسىق ئۆتكۈزىمىز.

  6. ھەر كۈنى ئىلمان سۇدا ياكى قىزىقراق سۇدا پۇتنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 مىنۇت چىلاپ بەرسەك، ھەمدە گرېلكىنى بەلگە قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ .

  7. بېلى داۋاملىق ئاغرىيدىغان كىشىلەر ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ قىش پەسىلىدە بەل قىسمىنىڭ ئىسسىق بولۇشىغا ئېتىبار بېرىش، يامغۇرلۇق، شامال پەسلىدە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

  8. ھەيز مەزگىلىدە تازىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك، زىيادە كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كەيپىياتنى تەڭشەپ، ئارام ئېلىشقا ئېتبار بېرىش كېرەك.

  9. بەل ئاغرىق بىمارلىرى بىلىنى تاڭماسلىق كېرەك، بولمىسا قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى