تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز

  __ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچىگە ئاپىرىن ئېيتتى؛ يېڭى بىر يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، خەلقنىڭ كۈتكىنى ۋە ئويلىغىنىنى ئويلاپ، غېمىنى يېدى. يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: تەبرىك سۆزىدە خەلققە چوڭقۇر رىشتە باغلانغان بولۇپ، ئۇ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر روھى، چوڭ دۆلەت سالاپىتى نامايان قىلىنغان، ئۇ كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان يېڭى يىللىق لەرزان كۈي، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۈرەش مېلودىيەسى ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەلبلەرنى ئىللىتىدۇ، كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، بىزنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بىز جەزمەن خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.

  قەدەمنى ئەمەلىي بېسىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز

  ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 نەچچە يىللىق گۈزەل پىلانىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن شەكىلۋازلىق قىلماي، تەرسالىق قىلماي، قەدەمنى ئەمەلىي بېسىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىي، سەمىمىي، قىزغىن، ئىشەنچكە تولغان سۆزى چوڭ دۆلەت داھىيسىغا خاس كەڭ قورساقلىقى ۋە مېھرىبانلىقىنى نامايان قىلدى، ئۇنىڭ سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، كىشىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدۇ.

  شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى ئاياغ قاچۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ليۇ شەنچېن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەتكە، ئىللىقلىققا ھەم كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان كۈچكە تولغان. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. 2018 – يىلى، چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كەنتتە داۋاملىق قېلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمەن. بىز جەزمەن سىياسەتنى توغرا يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز ۋە كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس گۈلشات شىرئەلى مۇنداق دېدى: بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تىنچ، گۈزەل، ئىناق، بەختلىك قىزىلسۇنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز.

  تولى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ يۇڭجۈن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: 2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان تۇنجى يىل، مەن مەۋقەنى خىزمىتىمگە قويۇپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەيمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇچۇر – تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چيۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. يېڭى دەۋردىكى خەلق سودىيەسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچۇمنى جەزمەن ئادا قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قەلبىمدىكى تارازىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ساقلايمەن.

  خەلقنى بەختلىك قىلىش ـــ كوممۇنىستلارنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتى

  ‹‹ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كادىرلار ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ بىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك›› ـــ يېڭى يىل ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ غەم يەيدىغان ئىش يەنىلا خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، بېشى قېتىۋاتقان مەسىلە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كادىرى ليۇ بىڭچىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ تارىخىي دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىم ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىش بىلەن بىللە، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم، مەن ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىنى ھەقىقىي كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك ۋە گۈزەل قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كۇيسۇ بازىرى كۇيسۇ كەنتىدىكى شۈ يۈفاڭ مۇنداق دېدى: تەبرىك سۆزى كۆڭلىمىزگە ناھايىتى ياقتى، پۇقرالار كۈن كەچۈرۈشتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى دەل مۇشۇلار. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بۇنچە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پۇقرالارغا غەمخورلۇق قىلىشى بىزنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى، تۇرمۇشىمىزنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  جىمىسار ناھىيەسى لاۋتەي يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيۇ خۇڭلىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېڭى بىر يىلدا چوقۇم غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى تۇرغۇزۇپ، داۋاملىق باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور نەتىجە دەپ بىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك ۋە گۈزەل قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، يۈەن لېي، لى ياڭ، جاۋ چۈنخۇا، جاۋ شىيا، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ يۇڭفېي، گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن فەن چۈنخەي، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ لى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېي، جاۋ ياچىن، چېن ۋېيچى، ئەن يەن، كۇ جۈنفېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى