تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇرىمەن

  ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بورھان مەمەت

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدا كۈنسايىن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. بىز شۇنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكى نامرات، قالاق ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتتى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. ‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك››، بىز ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ مېھرىنى ئېسىمىزدە ھەقىقىي چىڭ ساقلىشىمىز، جان – دىل بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، داۋاملىق گۈزەل ۋە بەختلىك كەلگۈسىمىزنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، بىر تۈركۈم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تارتىپ چىقىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. پاكىت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەر قانداق جىنايى غەرىزى ئەخمىقانىلىق، خام خىيالدىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ يامان غەرىزى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ، جەزمەن ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

  ھازىر پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، ئۇلارنى جەزمەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن.

  بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنى توغرىلاش جەھەتتە ئۈلگە بولىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۆگەنگىنىمنى ھەقىقىي ئىشلىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەمنى، تونۇشۇمنى ۋە ھەرىكىتىمنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئاساسىدا يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىمنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىمەن، باش نىشاننى بارلىق خىزمىتىمنىڭ قوللانمىسى قىلىمەن، يۈكسەك سىياسىي ئىرادە، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئالدىدا ماڭالايدىغان، ھەر خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولىمەن.

  ئىككىنچىدىن، ئەمەلىي ھەرىكەت جەھەتتە ئۈلگە بولىمەن. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا سىڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلغۇچى بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى داۋاملىق قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇرىمەن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى يېتەكلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كادىرلار، ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام، ئەمەلىي ئىستىل بىلەن ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  ئۈچىنچىدىن، خىزمەت ئىستىلى جەھەتتە ئۈلگە بولىمەن. باش نىشاننى ئەمەلدە كۆرسىتىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىشنى كۈن ئاتلاتماسلىق، تېز ئىزچىللاشتۇرۇش، كەسكىن ئىجرا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› تەلىپى بويىچە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››قا قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئېسىل ئىستىل ۋە ئەمەلىي خىزمەت نەتىجەم ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ مېنى ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچى ۋە مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى