تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىقلىقىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن

  شايار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم شەپقەت ھوشۇر

  مەن قىسىم قورۇسىدا تۇغۇلۇپ، بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇدا خىزمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر. بالىلىق چېغىمدا قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغان ھەربىي كاناينىڭ ئاۋازى ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە، 2005 – يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان چاغدا بەرگەن تەنتەنىلىك قەسىمىممۇ ئېسىمدە.

  پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشتىن – ئاخىر ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشىم ۋە مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە تاپشۇرغان بارلىق ۋەزىپىنى ئورۇندايمەن.

  بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزىمەن. بارلىق ئىش – ھەرىكەتتە پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا باشتىن – ئاخىر ئاۋاز قوشۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئاڭنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە يادرونى ھىمايە قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن.

  ئىككىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت، دەپ بىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇرچنى باشتىن – ئاخىر قەلبىمگە مۆھۈر قىلىپ بېسىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن. بايرىقىم روشەن ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي يوقىتىمەن. چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قەتئىي ھىمايىچىسى بولىمەن.

  ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىمەن. ئىتتىپاقلىق بولمىسا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى بولمايدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلاش›› مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر كىچىك ئىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسى ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم››دىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كېسىپ تاشلاپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› خاتا ئىدىيەسىنىڭ تۈپ مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك. مەن دۆلەت تىلى تەربىيەسىدىن ئەڭ بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەت تىلىنى باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەپ، دۆلەت تىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىتىمەن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئائىلەمدىكىلەرنى باشلاپ تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ، دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھېسسىياتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى دائىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب ئېتىزىغا چېچىشقا، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا پائال يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى