تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

  سانجى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەتجان ئابلىز

  شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدا چوڭ بولغان، پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلىگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم ھەم شىنجاڭ ئىناق، مۇقىم بولغاندىلا ئاممىنىڭ ھەقىقىي بەختكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. مەن پوزىتسىيەم ۋە مەيدانىمنى ئېنىق بىلدۈرىمەن، يەنى: مەن مەڭگۈ پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ۋەتەنگە سادىق بولىمەن، خەلققە سادىق بولىمەن. سىياسىي مەيدانىم ۋە سىياسىي يۆنىلىشىمنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن.

  مەن ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىم پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلمايدۇ. ئاتا – ئانام ماڭا ھاياتلىق بەردى، پارتىيە ماڭا ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇتتى. شىنجاڭدا يەنە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ماڭا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان شەخس ۋە ئائىلە بار، بىز ھەممىمىز پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشكەن. باشتىن – ئاخىر شۇنداق قارايمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بولمىغان بولاتتى.

  ھالبۇكى، پارتىيەمىز ئىچىدە، بىر ئوچۇم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىر تەرەپتىن، دۆلەت بەرگەن مائاشنى ئېلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاستىرتىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە بىر خىل، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل، ئېغىزىدا بىر خىل، ئەمەلىيەتتە بىر خىل بولدى، بۇلارغا قانۇن يول قويمايدۇ، بۇ قىلمىشلارنى قەتئىي كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇلار گەرچە ئاز سانلىق بولسىمۇ، لېكىن سەلبىي تەسىرىنى تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ، جەزمەن بۇلارنى قېزىپ چىقىشىمىز، تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىن تازىلىۋېتىشىمىز كېرەك.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا قەتئىي يول قويمايمەن. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، پائال ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن ھەم ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تارتىپ چىقىپ، تازىلاپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ۋە تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوغدايمەن.

  چىن قەلبىم ۋە چىن ھېسسىياتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئىجرا قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە قانۇن – نىزاملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈشكە، ئىلىم – پەننى قەدىرلەشكە يېتەكلەيمەن، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى