تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

شوخلىنى كۆپ يېيىشنىڭ تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە زەخىملىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بار ئىكەن

  ئامېرىكا جون خوپكىنسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بورگ ئاممىۋىي سەھىيە ئىنستىتۇتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە شوخلا، ئالما قاتارلىق مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كېچىكتۈرۈپ، تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە زەخىملىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، شوخلا، ئالما قاتارلىق مېۋە، كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە زەخىملىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بەزى تەركىبلەر بولۇشى مۇمكىنكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە، پەقەت يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنىڭلا بۇ خىل قوغداش رولى بارلىقىنى، تەركىبىدە مېۋە، كۆكتات بولغان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ بۇنداق رولى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى