ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچى خوتەن كوچىسىغا جايلاشقان 32 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش مەركىزىي بېكىتى 3-يانۋاردىن باشلاپ تىجارەتنى توختىتىدىغان بولۇپ، بۇ يولۇچى توشۇش بېكىتى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىگە كۆچۈرۈلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش مەركىزىي بېكىتى ئوتتۇرا كۆۋرۈك يولۇچى توشۇش بېكىتى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 1985-يىلى قۇرۇلغان. بۇ بېكەتتىن ئۈرۈمچى گەنگۇ يېزىسى، خوۋشيا، داۋانچىڭ قاتارلىق 22 لىنىيەگە 74 ئاپتوبۇس قاتنايدىكەن. بۇ لىنىيەلەر جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ئاپتوبۇس بېلەت باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 2017-يىلى 28-دېكابىر ئۈرۈمچى يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى 10-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش مەركىزىي بېكىتى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. شەھەر ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش مەركىزىي بېكىتىدىكى 22 لىنىيەنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىگە كۆچۈرۈلىدىكەن.