تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە تەرەققىي قىلىشتەك زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو – ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ئورتاق رەئىس دۆلىتى. مېنىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن 2015 – يىلى ئېچىلغان مۇنبەرنىڭ جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانىدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ تەكلىپى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئاساسەن، جۇڭگو 2018 – يىلى جۇڭگودا مۇنبەر باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋە مۇنبەردىكى باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، 2018 – يىللىق مۇنبەر باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىنغا ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن.

  زۇما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم نامايەندە. ئۆتكەن 20 يىلدا، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى ھەم تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئورتاق مەنپەئەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەردە زىچ ماسلىشىپ، دۇنيا دۇچ كەلگەن يېڭى خەۋپ ۋە يېڭى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇردى. جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو جۇڭگو – ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، 2015 – يىللىق مۇنبەر جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. مەن 2018 – يىلى 9 – ئايدا جۇڭگوغا بېرىپ، جۇڭگو – ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت، دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.