تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى تارىخ يارىتىش

  ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا

  يېڭى دەۋر يېتىپ كەلگەندە، ۋاقىت ئۆزگىچە مەناغا ئىگە بولىدۇ ـــ

  2012 .2017

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.

  ۋاقىت مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.

  جۇڭگو 2018 – يىلىغا قەدەم قويۇپ، يېڭى دەۋردە ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي ئالمىشىش مەزگىلىدىكى ۋەزىپە ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى ـــ

  بۇ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان يېڭى دەۋرـــ يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈش

  تەنتەنىلىك قەسەم تارىخ ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  ‹‹ئىنسانلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگولۇقلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى›› ـــ مانا بۇ 1949 – يىلىدىكى جۇڭگو؛

  ‹‹ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرىمىز›› ـــ مانا بۇ 1978 – يىلىدىن كېيىنكى جۇڭگو.

  يەنە 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ، ۋاقىت مۇھىم مەزگىلگە كەلدى ـــ

  2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ، خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالى.

  ‹‹ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى›› ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن يېڭى ئىدىيە جەزمەن تارىخ بېتىدە شانلىق سەھىپە يارىتىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى›› بېكىتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە نىزامنامىسىدە يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلدى.

  ‹‹ئىككى بېكىتىش›› ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكى، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئىتتىپاق بولۇپ، تېخىمۇ جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى قىلالىغان ئىكەن، ئۆزى ئۈستىدىمۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلالايدۇ››.

  2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى قايتا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان شى جىنپىڭ قەتئىي يوسۇندا شۇنداق ئېيتتى.

  جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا پارتىيە ئاچقۇچ.

  بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ـــ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەشتىكى بىلىش نەزەرىيەسىگە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مېتودولوگىيەگە ئايلاندى.

  ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئىلىم ساھەسى، پۈتۈن جۇڭگودا ھەممىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ››. بۇ مۇھىم پىرىنسىپ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە تىكلىگەن 100 يىللىق ئۇلۇغ پارتىيە بۈگۈنكى كۈندە قەددىنى رۇسلىدى، دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسارىتى تېخىمۇ ئۇرغىدى.

  ۋاقىت ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچى.

  يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتسە، ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 170 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. بۇ شانلىق ئەسەردە كوممۇنىستلارنىڭ رولىغا باھا بېرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ھازىرقى ھەرىكەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كەلگۈسىدىكى ھەرىكەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ›› ـــ

  2018 – يىلى، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز؛

  2019 – يىلى، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز؛

  2020 – يىلى، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز؛

  2021 – يىلى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

  ۋاقىت يېڭى دەۋرنىڭ خىزمەت كوردىناتىنى بېكىتىپ بولدى، ئارزۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىمىزدا تەدرىجىي نامايان بولماقتا...

  بۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر ـــ تارىخنىڭ ئالمىشىش مەزگىلىدە تۇرغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش

  2017 – يىلى 7 – ئايدا، جياڭشى جىڭگاڭشەندىكى شېنشەن كەنتى بىر ‹‹چەت ئەللىك›› مېھماننى كۈتۈۋالدى: ئامېرىكىلىق ئالىم روبېرت كۇئىن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كەلگەنىدى.

  قىزىل رەڭدىكىسى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغان، سىياسەت كاپالىتىگە تايىنىدىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئارخىپىنى؛ كۆك رەڭدىكىسى ئەمگەك ئىقتىدارى بار، لېكىن مەبلەغ ياكى تېخنىكا كەمچىل بولغان، ئۈنۈملۈك يۆلەشكە ئېھتىياجلىق نامرات ئائىلىلەرنى كۆرسىتىدىغان كارتا ـــ بۇ ئىجادىيەت ‹‹قىزىل، كۆك كارتا›› دەپ ئاتالدى.

  ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن – يەتمىگەنلىكتە، مۇھىمى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قاراش كېرەك.

  2017 – يىلى 2 – ئايدا شېنشەن كەنتى جىڭگاڭشەندىكى باشقا نامرات كەنتلەر بىلەن بىللە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا 60 نەچچە مىليون نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى.

  ۋاقىت ۋەزىپىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مۇساپىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى كۈچلۈك چېلىنغان گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، 886 كىلومېتىر كېلىدىغان لەنجۇ – چۇڭچىڭ تۆمۈريولىدا ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلاندى. ‹‹دۆلەت قۇرۇش تەدبىرى››دە پىلانلانغان بۇ ‹‹ئەسىر تۆمۈريولى›› دۇنياۋى خاراكتېرلىك نۇرغۇن قىيىن مەسىلىگە جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

  بۈگۈنكى جۇڭگودا زامانىۋىلىشىشنىڭ ‹‹سۈرئىتى تېزلىدى›› ـــ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە 2 – ئورۇنغا ئۆتتى، تور سودىسى ئىستېمالى دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت خەلقئاراغا تونۇلدى... جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى ئۈزلۈكسىز دەۋر تۈسىگە ۋە ئەڭ يېڭى مەناغا ئىگە بولدى.

  يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە، ئۈچ كۈرەش نىشانى خۇددى دېڭىز سەپىرىدىكى نۇرلۇق ماياكقا ئوخشىدى:

  ـــ 2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛

  ـــ 2035 – يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛

  ـــ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىسىتىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛

  بىر پارتىيە، بىر دۆلەت 100 يىلنى كۈرەش نىشانى قىلىپ بېكىتكەن بولسا، جەزمەن نەزەرىنى يىراققا تىككەن بولىدۇ؛

  بىر تۈرلۈك مەسئۇلىيەت، بىرخىل تەدبىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ جەزمەن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىش ھېسابلىنىدۇ.

  ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ئارزۇنى قاناتلاندۇرۇش.

  جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى ‹‹ئادەم››نىڭ زامانىۋىلىشىشى، ‹‹گۈزەللىك››نىڭ زامانىۋىلىشىشى، ‹‹قۇدرەت تېپىش››نىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئايلانغۇسى.

  بۇ، خەلق ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان يېڭى دەۋر ـــ خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىش ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش

  ۋاقىت ـــ ئەڭ ئىشەنچلىك گۇۋاھچى.

  سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن چىققان باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹خەلققە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش››تىن ئىبارەت سىياسىي ئېتىقادنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى ـــ

  2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لۈلياڭ تاغلىق رايونى جاۋجياۋا كەنتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۇپىدا ئولتۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلاشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزىلاردىكى دېھقانلارنى كۆزدە تۇتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى <بېرىش>، يەنى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىش قىلىشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش دېگەنلىك››.

  شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ـــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش››.

  خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش، بۇ يېڭى دەۋردىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ـــ

  2017 – يىلى 11 – ئايدا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 11 قىزىق نۇقتا شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى بىر يىل ئىلگىرىكىدىن تۆۋەن بولغان.

  ھازىرقى ئۆي – زېمىن بازىرىدا ‹‹مىسلىسىز›› چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە.

  ‹‹ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش››، بۇ خىل ئورۇننى ئېنىق بەلگىلەش پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىغا كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىيەتتە ئورتاق كۆز قاراش شەكىللەندۈردى.

  ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي.

  خەلق تۇرمۇشىدىكى ‹‹كىچىك ئىشلار››نى ھەل قىلىش ـــ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ‹‹چوڭ ئىش›› بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى بىلەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى ـــ

  بوۋاقلار، بالىلارنى بېقىش ۋە بالىلارغا بولغان دەسلەپكى تەربىيە مۇلازىمىتى مەسىلىسىنى ياخشى قىلىش كېرەك، توردىكى ساختا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى، شەخسلەر ئۇچۇرىنى ھايىنىغا سېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك...

  بۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان تۇنجى مەملىكەتلىك يىغىن، يەنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، يېڭى دەۋر تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ زور ئۆزگىرىشى نامايان قىلىندى.

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو ئىقتىسادى ‹‹سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېشىشىغا ئەھمىيەت بېرىش››تىن ‹‹خەلقنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى ياخشى قاندۇرۇش››قا يۈزلەندى.

  بۇ، دۇنياغا قۇچاق ئاچقان يېڭى دەۋر ـــ كەڭ قورساق بولغاندىلا، ئاندىن سىجىل تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ، ئېلىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈندىن – كۈنگە يېقىنلىشىپ، ئىنسانىيەتكە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلدى››، دەپ تەنتەنىلىك جاكارلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەنىڭ ناھايىتى كەڭ قورساق مېھىر – مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىدىن تارتىپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتكىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىدىن تارتىپ توغرا ئەخلاق – مەنپەئەت قارىشىغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ دۆلەت داھىيسى بولۇشتەك كەڭ نەزەر – دائىرە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  29 قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، قەدەم ئىزلىرى بەش قىتئەدىكى 57 دۆلەت، شۇنداقلا ئاساسلىق خەلقئارالىق ۋە رايون تەشكىلاتلىرىدا قالدى؛ مەملىكەت ئىچىدە چەت ئەل باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 290 ئادەم(قېتىم) بىلەن كۆرۈشتى... بەش يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىچ دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپى جۇڭگو بىلەن دۇنيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېپيېڭى كوردىناتىنى ئورناتتى.

  ‹‹بىز چەت ئەلنىڭ ئەندىزىسىنى <ئىمپورت> قىلمايمىز، شۇنداقلا جۇڭگو ئەندىزىسىنىمۇ <ئېكسپورت> قىلمايمىز، باشقا دۆلەتلەردىن جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى <ئۈلگە قىلىش>نى تەلەپ قىلمايمىز››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ‹‹ئۆز يولىدا مېڭىش›› ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ـــ بۇ، تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن پەيدا بولغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولى بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تۆت يىلدىن كۆپرەك تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 2017 – يىلى دۇنيا چوڭ ئائىلىسى بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم جەم بولدى.

  تەدرىجىي شەكىللەنگەن پۈتۈن دۇنيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىدە، جۇڭگو خەلقئارا سىستېمىنىڭ قاتناشقۇچىسىدىن جامائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلىگۈچىسى ۋە ئىسلاھ قىلغۇچىسنىڭ ‹‹موتورى››غا ئايلاندى.

  جۇڭگو 2018 – يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش يېڭى سۇپىسىنى يارىتىدۇ.

  ‹‹دۇنيا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك›› دېگەن دەۋر سوئالىغا، رەئىس شى جىنپىڭ 2017 – يىلى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق جاۋاب بەردى: ‹‹جۇڭگو لايىھەسى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت››.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى دۇنيادا بارغانسېرى كۆپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

  ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مارتىن ياكۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئىدىيە ئورمان قائىدىسىدىن ۋاز كېچىپ، مەدەنىي تەرەققىي قىلىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى يېڭى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.

  ۋاقىت ـــ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھامان بىر ئائىلە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغۇسى.

  بۇ، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان يېڭى دەۋر ـــ مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش

  ۋاقىت، كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بىر كېمە.

  2018 – يىلى، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  مۇشۇنداق مۇھىم مەزگىلدە تارىخنى قايتا ئەسلەش، تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىش يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاشتىكى ئەڭ ياخشى قىياپەت ـــ

  40 يىل ئىلگىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن دۇنيا ئېقىمىغا يېتىشىۋېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتقان.

  ‹‹شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە جەزمەن ئىشقا ئاشىدۇ››. يەنە بىر قېتىم باش شۇجىلىققا سايلانغان يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇشۇنداق مەردانە سەپەرۋەرلىك قىلغان.

  بۇ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان ئىسلاھات يولى ـــ

  مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلاش؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئورنىنى 2018 – يىلىدا 129دىن 300گە كۆپەيتىش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويۇش...

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

  بۇ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولى ـــ

  يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر پارچە ‹‹شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭى ئىپادىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە توغرا كېلىدۇ›› دېگەن ماقالە توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، جايلار، تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن ياخشى ئىستىل بىلەن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  بۇ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان گۈللىنىش يولى ـــ

  1921 – يىلى قىزىل كېمە بىلەن سەپەرگە چىققان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دەۋر تۇمانلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋرگە يۈرۈش قىلدى.

  ‹‹بىز پەقەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز...›› پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرگەندە مۇشۇنداق جاكارلىدى.

  ۋاقىت دەل تەرەققىيات بوشلۇقىدۇر.

  مۇشۇ پەيتتە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشانغا يېتىشكە تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار بولدى.

  بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىنى يازايلى، غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىلەرگە يۈرۈش قىلايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.