شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «2018-يىللىق مېھىر ئىللىقلىق ئۆيى پىدائىيلار مۇلازىمىتى» پاراۋانلىق پائالىيىتى 1-يانۋار رەسمىي باشلاندى.
بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «مېھىر ئىللىقلىق ئۆيى»دىن يەنە 5000ى كۆپەيتىلىپ، ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لەردىكى كوچا بويىغا جايلاشقان ئىدارە-ئورۇن، دۇكانلار بىردەك بۇ پائالىيەتكە قاتنشىدىكەن، ھەر بىر ئىللىقلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە «مېھىر ئىللىقلىق ئۆيى» دېگەن بەلگە ئېسىلىپ، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنى ھەقسىز ئىسسىنىش، ئارام ئېلىش، تاماق، قايناقسۇ قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ پاراۋانلىق پائالىيىتى 2012-يىلى قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە «مېھىر ئىللىقلىق ئۆيى»دىن 32 مىڭى بار ئىكەن.