تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«سادىر، مەن كەلدىم»

ۋاڭ شياۋنا،سۇڭ گې

     ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا ئىنىم ماڭا تېلېفون بېرىۋېدى، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ھەم ئۇنىڭغا قانداق سوۋغات ئېلىۋالسام بولار، دەپ ئويلىدىم، دېدى 2 – تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ جۇڭۋېي 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا، ئۇ ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئالدىدا تۇراتتى، كۆرۈشمىگىلى ئىككى ئاي بولغاچقا، ئىنىسى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە ئالدىراۋاتاتتى.
    ئاپتوموبىل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى سۇلۇق كەنتىدىكى سادىر قادىرنىڭ ئۆيى تەرەپكە قايرىلىشى بىلەن، ۋۇ جۇڭۋېي سادىر قادىر ئەر – خوتۇننىڭ بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
    -كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ، ئاكا ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟  دەپ سورىدى سادىر قادىر تارتىنىپراق.
    -سادىر، مەن كەلدىم! گەرچە دائىم كۆرۈشۈپ تۇرالمىساقمۇ، سىزنى ياد ئېتىپ تۇردۇم.
    ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر – بىرىگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.
    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تۇغقانلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا كېلەلمەسلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ تېلېفون بەرگەنىدىم، مانا تېزلا مېنى كۆرگىلى كەپسىز،  دېدى سادىر قادىر، ئۇ ئاكىسىنى يېقىندىلا كۆچۈپ كىرگەن ئەمىن ئۆيىگە باشلىدى.
    ئىنىسىنىڭ پاكىز ھەم چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان يېڭى ئۆيىگە قاراپ، ۋۇ جۇڭۋېي شۇنداق خۇشال بولدى.
   - ھەر قېتىم كەلگىنىمدە يېڭى – يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىمەن، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ بارا – بارا ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇۋاتىمەن،  دېدى ۋۇ جۇڭۋېي.
   سادىر قادىر ئاكىسى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تۇرمۇش ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.
  - دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتى، كەچلىك كۇرس قاتارلىقلاردا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندۇق، ھەممىمىز كومپارتىيەنىڭ پۇقرالارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز!  دېدى سادىر قادىر.
   چۇڭچىڭدىن شىنجاڭغا خىزمەت قىلغىلى كەلگەن ۋۇ جۇڭۋېي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۇغقىنى بولىدىغانلىقىنى، ئۈچ تۇغقىنىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئوماق جىيەن قىزى تاغىسىنى كۆرگەندە ئازراقمۇ ياتسىرىمىدى، تاغىسى ئېلىپ بەرگەن يېڭى مامۇق چاپاننى كىيىپ، چىرايلىق چاچ قىسقۇچنى قىسىپ، تاتلىققىنا كۈلۈمسىرىدى.
    ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە ئىنىسىنىڭ ئۆيىدە تېلېۋىزور يوقلۇقىنى بايقىغان ۋۇ جۇڭۋېي ئالايىتەن تېلېۋىزور سېتىۋالغانىدى. ۋۇ جۇڭۋېي:
  -ھازىر بالىلارنىڭ تازا بىلىم ئالىدىغان ۋاقتى، مەن ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور ئارقىلىق قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىپ، سىرتتىكى رەڭدار دۇنيا بىلەن تونۇشۇپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلىشىنى، ياراملىق ئادەم بولۇپ، يۇرتىغا ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،  دېدى.
    ۋۇ جۇڭۋېي سادىر قادىرغا ياردەملىشىپ، قوي بېقىش، ھويلا – ئاراننى تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدى.
    ئاكىسى قايتىدىغان چاغدا، سادىر قادىر ياڭاق يوللۇق تۇتتى، ۋۇ جۇڭۋېي تەسىرلەنگەن ھالدا:
   -بۇ قىممەتلىك سوۋغاتتىن چوقۇم ئائىلەمدىكىلەر بىلەن تەڭ بەھرىلىنىمەن، بۇنى چۇڭچىڭغا ئەۋەتىپ، خوتۇنۇم ۋە بالامغا تۇغقانلارنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرىمەن،  دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى