تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ماڭايلى

  ـــ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش–ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(2)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  ‹‹يېزا ئىگىلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانلارنى جەلپكار كەسىپكارلارغا، يېزىلارنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مىليونلىغان خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا يەتتە جەھەتتە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مىليونلىغان خەلققە گۈزەل يېزا – كەنتلەرنىڭ زامانىۋى مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەردى، بۇ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي پىروگراممىسى، يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يول خەرىتىسى.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئاچقۇچ ـــ جۇڭگوچە سوتسىيالىسىتىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىشنى ئاچقۇچ، يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولۇشنى كاپالەت، ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇشنى ئاساس قىلىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم پىرىنسىپ قىلىپ، مەۋقەنى ‹‹چوڭ دۆلەت، يەككە دېھقان››دىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا – كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ماڭىمىز؟ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا، ئورتاق بېيىش يولىدا، سۈپەت ئارقىلىق يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا، يېزىلارنىڭ يېشىل تەرەققىيات يولىدا، يېزا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا، يېزىلارنى ياخشى ئىدارە قىلىش يولىدا، نامراتلارنى ئازايتىشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مېڭىش كېرەك. بۇ ‹‹يەتتە يول›› يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى شەكىللەندۈردى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، شەھەر – بازار، يېزا – كەنتلەر بىر – بىرىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئورتاق بېيىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ پىرىنسىپى، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يېزا – كەنتلەرنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى ۋە قىممەتلىك بايلىقى، مۇنەۋۋەر يېزا – كەنت مەدەنىيىتى يېزا – كەنتتىكىلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىدۇ، يېزا – كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلغاندىلا، يېزا – كەنت جەمئىيىتى ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ ھەم ئىناق، تەرتىپلىك بولىدۇ، نامراتلارنى ئازايتىشنىڭ جۇڭگوچە يولى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ماڭغان مۇۋەپپەقىيەتلىك يول، بۇ يولدا چوقۇم قەتئىيلىك بىلەن ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى ئىگىلىگەندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتەلەيمىز.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا قانداق ماڭىمىز؟ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شەھەر – يېزا مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئورنىتىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر – بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر – يېزا بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت – يېزا ئىگىلىكى مۇناسىۋىتى ۋە شەھەر – يېزا مۇناسىۋىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش؛ يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ يېزا ئىگىلىكى دۆلىتىدىن كۈچلۈك يېزا ئىگىلىكى دۆلىتىگە ئايلىنىش؛ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايانچ نۇقتىسى قىلىش؛ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇش؛ يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە بولغان زامانىۋى يېزا جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى تۈپ تەدبىر قىلىش كېرەك. بۇ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدىكى بىر قاتار فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، مىليونلىغان دېھقاننىڭ سەمىمىي ئۈمىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى ماڭساقلا، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى بېيىتىپ، مىليونلىغان دېھقانغا بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىمىزگە ياخشى ئالالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى