تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پىچان ناھىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى

    مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردا ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش، تولۇقلىما بېرىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
    ناھىيە بۇلتۇر مەخسۇس ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىر قاتار يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. ناھىيەدە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىن بەشنى قۇرۇپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆز جايىدا سېتىلىشىغا سورۇن ھازىرلىدى. بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقانلار ياكى باشقا جايلارغا يۆتكەپ ساتقانلاردىن سېتىش مىقدارى نىسبەتەن كۆپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلەرگە ھەر توننا مەھسۇلاتقا 50 يۈەندىن توشۇش تولۇقلىمىسى بەردى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۈرۈمچى ‹‹بېييۈەنچۈن›› مېۋە، كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا پىچان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى قۇردى. دېھقانلارنى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى سېتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. نەتىجىدە، ناھىيە ھازىرغا قەدەر 50 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆكتاتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى ئوتتۇرىچە بەش يۈەندىن، 20 مىڭ توننىغا يېقىن قوغۇننىڭ ھەر كىلوگىرامىنى ئون يۈەندىن، 5000 توننا تاۋۇزنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى ئالتە يۈەندىن، 4500 كىلوگىرام ئۈزۈمنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 15 يۈەندىن سېتىپ، پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى