تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 2018-يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەبلىغىنى ئالدىن چۈشۈردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ئۈرۈمچى تېلېگراممىسى: يېڭى يىل يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» سىياسىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە تارماقلىرى ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) لارغا 1 مىليارد 160 مىليون يۈەنلىك 2018-يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەبلىغىنى ئالدىن چۈشۈردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەبلىغىنى ئالدىن چۈشۈرۈش ئارقىلىق 2018-يىللىق جايلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى خامچوتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى