تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇ ناھىيەسى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى

   سىدىق مىجىت خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىپ، بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.
   بۇ ناھىيە بۇلتۇر ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، ئۆگەن دەرياسى سۇغىرىش رايونىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرى، يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇش تۈرى، يېڭى سانائەت رايونىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويدى. بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 398 مىليون 325 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن سۇ تېجەش ئىقتىدارىنى 10 مىليون كۇب مېتىرغا، تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمىنى 40 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتكۈزدى، 1000دىن كۆپرەك دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسى بۇ تۈردىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى