تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي ئۆتكۈزدى

   چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

   ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن چايغا قاتناشتى نۇرلان ئەبىلمەجىن چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ‹‹شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيى››نىڭ يىغىن مەركىزىدە يېڭى يىللىق چاي ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2018 – يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچى، دېھقان، زىيالىي، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر – ساقچىلىرى، بىڭتۈەندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى يولداشلار، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق دوستلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 2017 – يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى، پۇختا ئىشلىدى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي، ياخشى، ئەمەلىي چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى ۋە ئۇنىڭغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر يىلدا بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بۈيۈك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى بىرلىكتە ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، ‹‹13 – بەش›› يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر – بىرىگە باغلايدىغان ھالقىلىق بىر يىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ ياجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەبىبۇللا ئابدۇسالام ئايرىم – ئايرىم ھالدا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان، ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار چايغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ قىسمەن مەسئۇللىرى؛ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىل زاتلار، ھەرقايسى سەپتىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار چايغا قاتناشتى.

  ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى چايدا ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى