تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

پېشقەدەم مۇتەخەسسىسنىڭ قوشنىلارغا «قوش كۆڭلى»

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

    25-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى ‹‹شىمالىي ۋوگزال›› جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان ‹‹رۇستەمئەلى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى››دا قىسقا ھەم ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
    بۇ پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىلىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا قاراشلىق ‹‹فېڭبېي›› ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق تۆت مىللەتتىن بولغان 20 نەچچە كىشى ئىدى. پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ھەم باش قەھرىمانى ‹‹رۇستەمئەلى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى››نىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىغا تونۇلغان داڭلىق مۇتەخەسسىسى، مۇدىر ۋىراچ، پىروفېسسور رۇستەمئەلى نۇرۇم ئىدى.
    پائالىيەتتە پېشقەدەم مۇتەخەسسىس رۇستەمئەلى ئاكا ئالدى بىلەن پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا ‹‹قوش تىل››دا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مىللەتلەر ئۆزئارا ئېجىل – ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مېغىزلىق ھەم تېتىملىق لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. لېكسىيە جەريانىدا، رۇستەمئەلى ئاكا بىر پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىكى مۇھىم مەزمۇن ۋە يېڭى ئاتالغۇلارنى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا ئاممىباب تىلدا چۈشەندۈردى، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ھەم قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق شىنجاڭدەك كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەتراپلىق شەرھلىدى.
    لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رۇستەمئەلى ئاكا تەكلىپ بىلەن لېكسىيە ئاڭلىغىلى كەلگەن قوشنىلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ كىتابچىسى بىلەن ئۆزى يازغان ‹‹داۋالاش بىلەن ئۆتكەن 40 يىلىم›› دېگەن كىتابنى ئالاھىدە  سوۋغا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياغ، گۈرۈچ قاتارلىقلارنىمۇ يېڭى يىللىق ‹‹كۆڭلى›› سۈپىتىدە سوۋغا قىلدى.
    رۇستەمئەلى ئاكا بۇ يەردە دوختۇرخانا ئاچقان بىر يىلدىن بۇيان، مەھەللىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاغرىقلارنى كېچە – كۈندۈز دېمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپلا قالماي، ھازىرغىچە ھەر مىللەت خەلققە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، نامراتلارنى يۆلەش، ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە تۆت قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بەردى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللىمىزدىكى خەنزۇ يولداشلار بىلەن ‹‹تۇغقان›› بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئەتراپتىكىلەرگە ياخشى ئۈلگە ھەم باشلامچى بولدى. كۆپچىلىكنى ھەممىدىن بەك قايىل قىلغىنى، ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەندە،  ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار نامراتلارنى ئۇن، گۈرۈچ، ياغ قاتارلىقلار بىلەن يوقلاشنى      ئۇنتۇپ قالمىدى،  دېدى ‹‹فېڭبېي›› ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەھەت قۇربان زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا.
   - رۇستەمئەلى ئاكا، سىز بۈگۈن قولۇم – قوشنىلىرىڭىزنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىپ  ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ بەرگەندىن سىرت، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ ئىككى پارچە كىتابنى سوۋغا قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟!   دەپ سورىدىم مەن، ئۇ قولۇم – قوشنىلىرىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ قايتىپ كىرگەندىن كېيىن.
     پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيەمىزنىڭ تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە ئابىدە خاراكتېرلىك كاتتا ئىش. مېنىڭچە، 19 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش، قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ، جۈملىدىن، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان  مەسئۇلىيىتى. مەن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، شۇنداقلا پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپىمدىكى ئاممىغا، قولۇم –  قوشنىلىرىمغا تەشۋىق قىلىشنى چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچۇم دەپ قارايمەن. شۇڭا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ كىتابچىسىنى بۈگۈنكى پائالىيەتتە قولۇم – قوشنىلارغا چوقۇم تەقدىم قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئېسىل سوۋغا قىلىپ تاللىدىم. ئۆزۈم يازغان ‹‹داۋالاش بىلەن ئۆتكەن 40 يىلىم›› دېگەن كىتابنى سوۋغا قىلىشتىكى مەقسىتىم بولسا، بۇ كىتابتا يالغۇز مېنىڭ ھايات كەچمىشىم سۆزلىنىپلا قالماي، ئۇنىڭغا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنى داۋالاشقا دائىر نۇرغۇن ئەل ئىچى رېتسېپلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ رېتسېپلاردىن قولۇم – قوشنىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئاز – تولا پايدا يەتسە، مەنمۇ پارتىيەمىز ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ساغلام جۇڭگو قۇرۇش›› ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بولىمەن.
 ياشىنىپ قالغىنىڭىزغا قارىماي بۇ يەردە شۇنچە كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىڭىزنى بىلىپ بېقىشقا بولامدۇ؟  دەپ سورىدىم مەن.
    مەن بۇ يىل 78 ياشقا كىردىم، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىم پۈتۈنلەي پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەسى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن بولدى. پارتىيە مېنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇتتى، چەت ئەللەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلىدى، مېنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى، مېنىڭ ھەر بىر ئۇتۇق – نەتىجىلىرىمگە ھەر مىللەت ئۇستازلىرىمنىڭ ئەجرى ۋە قان – تەرى سىڭدى. ئادەمدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، بۇ يەردە قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش ھەم پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە ئاز – تولا بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت. مەن پارتىيەنىڭ ماڭا قىلغان چەكسىز مېھىر – شەپقىتى ئالدىدا بۇ ئىشلارنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، دەپ قارايمەن، بۇ ئىشلار ياشلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىگە ئازراق بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتەلىسە، جەمئىيەتكە ئازراق بولسىمۇ ئاكتىپ كۈچ تارقىتالىسا، مەن شۇنىڭدىن خۇشال بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى