تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ‹‹تۆت خاھىش››نى يەنىمۇ تۈزىتىپ، 2018–يىللىق يېڭى يىل ۋە چاغاندا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹تۆت خاھىش››نى يەنىمۇ تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايرامدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018 – يىلىدىكى يېڭى يىل ۋە چاغانلىق دەم ئېلىش پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇھىم تۈگۈن. ‹‹ئىككى بايرام›› مەزگىلىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇش – بولماسلىق خەلقنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە بولغان ئىشەنچى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل چىڭ تۇتۇشنى ياخشى باشلاش – باشلىيالماسلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككى بايرام›› مەزگىلىدە ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاڭلىق ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى كونكرېت ھەرىكەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈپ، كىچىك جايلاردىن قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە جايلاردىن چىڭىتىپ، ‹‹مىخ قېقىش روھى›› بىلەن داۋاملىق، پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، تۈگۈنمۇتۈگۈن قاتتىق ساقلاپ، مەسىلىلەردە بىر – بىرلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى دائىملىق تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە سەييارە تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. تەكشۈرۈش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىق خاھىشىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھېيت – بايراملىق سوۋغات بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، كەلسە – كەلمەس ياردەم پۇل ۋە تولۇقلىما تارقىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىۋېلىش ھەم شەكلى ئۆزگەرگەن يوشۇرۇن ‹‹تۆت خاھىش›› قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقىشى؛ دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا كۆرسەتكەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئون جەھەتتىكى كونكرېت ئىپادىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرۇق ئىپادە بىلدۈرۈش، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا شەكىلۋازلىق قىلىش، ‹‹ئىتتىرىش، ئەگىتىش، سۆرەش››، چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق، ئەمەلىي نەتىجە ياراتماي تەجرىبىسىنى كۆز – كۆز قىلىش قاتارلىق ئىنكاس مەركەزلەشكەن مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقىشى كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىلىرىنى كۈچەپ بايقىشى؛ ئامما نازارەت قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرماسلىقى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسى باش كۆتۈرۈپ چىقسىلا، زەربە بېرىدىغان يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بىردەك قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىرى بايقالسا بىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى، ھەرگىز يۈز – خاتىر قىلماسلىقى كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرگەندە بايقالغان ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىگە دائىر يىپ ئۇچىلىرىنى باشقا مەسىلىلەردىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ‹‹بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش››نى قاتتىق يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى دېگەندەك ئادا قىلماسلىق سەۋەبىدىن، ‹‹ئىككى بايرام›› مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت ياكى ناچار تەسىر كېلىپ چىقسا، ھەم بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ھەم ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، تىپىك مەسىلىلەرنى بىردەك ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، گېزىتتە ئاشكارىلاش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە پاش قىلىش شەكلى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 12388 – 0991، پاش قىلىش خەت ساندۇقى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسى، پاش قىلىش تور ئادرېسى: www.xjjw.gov.cn (‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى››نى چەكسىڭىز بولىدۇ)، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسىنىڭ ئەرز قوبۇل قىلىش تېلېفون نومۇرى: 960511، ‹‹شىنجاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش›› ئۈندىدار جامائەت نومۇرىنى قوشۇپ پاش قىلسىمۇ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى