تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىشى بىھاجەت

ئاتا-ئانىلارمۇ نۇقسان ۋە خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ئەيىبلەش بىھاجەت. ئاتا-ئانىلار دائىم ھەممىلا ئىشنى پۇختا قىلىشقا تىرىشىدۇ، ئەمما رېئاللىق توساقلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنى چەكلەپ قويىدۇ. ھەممە ئىشنى تەلتۆكۈس، كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنداش ئاسان ئىش ئەمەس. ئامېرىكىدىكى ئائىلە مەسىللىرى مۇتەخەسسىسلىرى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، «ئانا-ئانىلار ھەممىلا ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ كېتەلمەيدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. ئامېرىكىلىق پىسخولوگ، ئائىلە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ل. كئانت دوكتورمۇ «ئائىلىگە قايتىش» دېگەن كىتابتا ئاتا- ئانىلارنىڭ «مۇكەممەللىكنى قوغلىشىشى ھاجەتسىز» دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاتا - ئانىلار ئائىلە ئۈچۈن بەدەل تۆلەش بىلەن بىللە، ئائىلىسىدىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلىشى، ھەممىلا ئىشتا مۇكەممەللىكنى قوغلاشماي، قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىگىمۇ يول قويۇشى كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ روھىي يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىللە، بالىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى زۆرۈر:
1. ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەممىلا ئىشنى توغرا قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى بالىلىرىغا كۆرسىتىشنى، ھەممە ئىشنى ئەتراپلىق قىلىشنى ئويلايدۇ. بىراق كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىنى دەڭسىيەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ - دە، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكى ياكى كەمچىلىكىگە باغلىنىپ قالىدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئىزچىل تىرىشىش قىزغىنلىقىنى چەكلەپ قويىدۇ. چۈنكى كۆپ ھاللاردا رېئاللىق ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ. خۇشخۇي ئاتا -ئانىلارمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش كەمچىللىك، خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ، ئاتا -ئانىلارنىڭ خاتالىشىپ قېلىشى نورمال ئەھۋال. ئالايلۇق، قىزىنىڭ توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ياپمىغانلىقىغا كايىپ بىھۇدە خاپا بولۇش، قاچا- قۇچىلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن چېقىلىپ كېتىشىگە چېچىلىش دېگەندەك... خۇشخۇي ئاتا- ئانىلار بۇنداق ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنى خاتالىق دەپ قارىمايدۇ.
2. ئۆتكەنگە ئۆكۈنۈش، كەلمىگەندىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق. ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلار ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج بولىدۇ. ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشنى بىلىدىغان ئاتا- ئانىلار«ئالدىغا قاراش، ئۆتمۈشنى ئەسلىمەسلىك كېرەك، پىلاننىڭ سىرتىدىكى كېلەچەك ئىشلىرىنى تولا ئويلىماسلىق كېرەك» دەپ قارايدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلار دائىم ئۆزىگە خاتالىق يۈكلىنىپ قالغاندەك قاتمال، پاسسىپ ھېسسىياتقا تۇتقۇن بولۇپ، ئۆزى ئىلگىرى ئۆتكۈزۈپ قويغان مەلۇم بىر سەۋەنلىكنى، خاتالىقنى ئويلاش بىلەن زېھنىنى بىھۇدە خورىتىدۇ. ئۆتمۈشتىن ئۆكۈنۈشتىن كېلىپ چىققان زىياننى بالىلار تارتىدۇ. يەنە بەزى ئاتا- ئانىلار دائىم بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن غەم يەيدۇ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار، لېكىن ئاسانلىقچە يۈز بەرمەيدىغان ئىشلاردىن ۋايىم يەپ ئۆزىنى خورىتىدۇ، بالىلارنى دەككە- دۈككە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئەندىشە ئىچىدە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار بالىلارغا زىيان كەلتۈرىدىغان بۇنداق «نېسىي غەم»نى يېمەسلىكى كېرەك.
  3. ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋەرمەيدۇ، بالىلار دائىم ئاتا- ئانىلىرىنى ياخشى كۆرۈۋەرمەيدۇ. ئاتا - ئانىلار ھەر قانداق بىر قارارنى چىقىرىشتا پەرزەنتلىرىنىڭ يىراق بەختىنى نەزەرگە ئالىدۇ، ھەممە ئىشتا بالىلارنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىدۇ. ئەمما بالىلار ئاتا - ئانىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇپراقچىلىقلىرىنى چۈشەنمەيدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ قارار چىقارسا، بالىلاردا ئاتا - ئانىلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر خىل روھىي ھالەت پەيدا بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلارغا بەرگەن باھاسى ھەر ۋاقىت نىسپىي بولىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت بالىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇپ، بالىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى