تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«تۇغقانلار ھەمدەم، رىشتىمىز مەھكەم»

 مۇبارەك ئىسمائىل

     ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تەڭرىتاغ باغرىدا ياڭرىغان قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ناخشىسى دىللارنى لەرزىگە سالدى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن پائالىيەت تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى تېخىمۇ كۆپ سىردىشىش، چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ خىزمەتچىلىرىدىن مەريەمگۈل مەنسۇر، ئاينۇر مۇھەممەد، پاراسەت ھەسەن بۇ قېتىمقى تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكىدە تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە، تەسىرلىك ئۇچرىشىشلارغا، كۆڭۈللۈك دەملەرگە ئورتاقلاشتى.
    ئۇرۇق – تۇغقان يات بولماس
 ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ جۇڭۋەن كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مەريەمگۈل 12-دېكابىر ئەتىگەندىلا ئالدىراش بىر كۈنىنى باشلىدى. ئىككى قولىغا لىققىدە يېمەكلىك ۋە لازىمەتلىكلەرنى كۆتۈرۈپ ئالدىراش كېلىۋاتقان مەريەمگۈلنى كۆرگەن قوشنىسى دىلنۇر دەرھال كېلىپ، مەريەمگۈلنىڭ قولىدىكى خالتىلارنى ئالغاچ:   
- مەريەمگۈل ھەدە، بۈگۈن مېھمىنىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟  دەپ سورىدى. 

شۇنداق، تۇغقىنىم كەلمەكچى ئىدى، شۇنىڭ تەييارلىقى، دېدى مەريەمگۈل.  
- ھە، يۇرتتىن تۇغقانلار كېلىدىكەن - دە؟
     مەريەمگۈل كۈلۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا كەلمەكچى بولغىنى يۇرتتىكى تۇغقانلىرى ئەمەس، بەلكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى ۋۇ جىنيۈ ئىدى.
    بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن ۋۇ جىنيۈ پېنسىيەگە چىققان ئىشچى ئىدى، ئۇنىڭ ئوغۇل – قىزلىرى ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ۋۇ جىنيۈ ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. مەريەمگۈل بۇلتۇر ۋۇ جىنيۈ بىلەن قوشماق تۇغقانلاردىن بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا سىڭلىسى ئورنىدا كۆيۈنۈپ، مۇڭدىشىپ ئۇنىڭ يالغۇزلۇقىنى بىلىندۈرمىدى. بۈگۈنمۇ مەريەمگۈلنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن ۋۇ جىنيۈ بىر دوستىنى باشلاپ مەريەمگۈلنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئازادە ۋە چىرايلىق بېزەلگەن ئۆيدە مېھماننىڭ ھۆرمىتىگە داستىخان راسلانغاندىن باشقا، مەززىلىك پولۇنىڭ ھىدى ئۆينى بىر ئالغانىدى. مەريەمگۈل ۋۇ جىنيۈنى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇۋاتاتتى.     
     قىزىم ئىچكىرىدە، ئوغلۇمنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا كۈن – كۈنلەپ ئىشىكىمنى چېكىپ ھال سورايدىغان يېقىنىم يوق ئىدى،  دەپ گەپ باشلىدى ۋۇ جىنيۈ،  قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتى بەك ياخشى بولدى. مەريەمگۈل ۋاقتى چىقسىلا ئۆيۈمگە بېرىپ مەندىن ھال سوراپ تۇرىدۇ، ھازىر مەندىن ئەھۋال سورايدىغان قىزىم بار بولدى، دەپ خاتىرجەم يۈرىمەن. ۋۇ جىنيۈنىڭ چېھرىدە ئىللىق تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.   
    چۈشتە مەريەمگۈلنىڭ بالىلىرى دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلدى. بۈگۈن ئالاھىدە مېھمان كېلىدىغانلىقىدىن بۇرۇنلا خەۋەر تېپىپ بولغان بالىلار ۋۇ ھاممىسى بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى. كۈلكە سادالىرى ئىچىدە يېيىلگەن تاماق ئۆينى تېخىمۇ مېھىر – مۇھەببەتكە تولدۇردى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن مەريەمگۈل تۇغقىنى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان سوۋغىتىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ‹‹بىزنىڭ تۇغقاندارچىلىقىمىز ۋاقىتلىق ئەمەس، مەڭگۈلۈك بولىدۇ›› دېدى.
    ئۆي تامىقىدا مېھىر باشقىچە
  13-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› تېمىسىدىكى تەربىيە كۆرگەزمىسىدىن ئاينۇرنىڭ خېلى بۇرۇنلا خەۋىرى بولغاچقا، بۇ كۈنى ئۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، يۈكسىلىشلەر، مۇۋەپپەقىيەتلەر مەزمۇن قىلىنغان ھەربىر پارچە سۈرەت تارىخنىڭ جانلىق شاھىتى سۈپىتىدە زالدىكى ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى. چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئەستايىدىل ھەم تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىدىن كېيىن، ئاينۇرنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ۋاڭ گوچىڭنىڭ كەيپىياتى باشقىچە كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك بولدى.  
    - قاراڭ سىڭلىم، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا كۆۋرۈكنىڭ سۈرىتى ئىكەن، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بۇ ياغاچ كۆۋرۈك ئىدى، بىز شۇ يەرلەردە ئوينايتتۇق،  دېدى ۋاڭ ئاكا ھاياجىنىنى يوشۇرالماي.
     -ماۋۇ خەلق مەيدانىنىڭ 70 – يىللاردىكى  سۈرىتى ئىكەن. قاراڭ، ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئەڭ ئالىي قاتناش قورالىمىز ۋېلىسىپىت ئىدى...  
    ئاينۇرنىڭ تۇغقىنى ۋاڭ گوچىڭ مانا مۇشۇنداق پىكرى ئوچۇق، سۆزمەن ئادەم ئىدى. ئۇ ‹‹ئۆكتەبىر›› تىراكتور زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، ئوغلى بىلەن بىللە تۇراتتى. بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئاينۇر ئۇنىڭ بىلەن قوشماق تۇغقانلاردىن بولغاندىن كېيىن ئۆزئارا يوقلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردى. بۇ قېتىمقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئاينۇرنىڭ ئېرى ئەنۋەرمۇ ۋاڭ ئاكا بىلەن تېزلا چىقىشىپ ‹‹ئاكا – ئىنى››لەردىن بولۇشتى. ۋاڭ ئاكا ئۇيغۇرلارنىڭ تائاملىرىغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى، شۇڭا بۇ بىر ھەپتىدە ئاينۇر تولاراق ئۇنى ئۆز ئۆيىدە ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تاماقلار بىلەن مېھمان قىلدى. كۆڭلىدە تۇغقىنىغا بولغان سەمىمىيىتىنى ئۇنىڭغا ھېس قىلدۇرۇشنى، بۇ تۇغقاندارچىلىقنىڭ قانداقتۇر شەكىل ھەم مەجبۇرىيەت بولماستىن، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگۈسى كەلدى. بۇنىڭغا يارىشا ۋاڭ ئاكىمۇ ئۇلار بىلەن تېزلا ئۆزلىشىپ بىر ئائىلىنىڭ ئادىمىدەك بولۇپ كەتتى. ئاينۇر ئۇنىڭغا كىچىك بولسىمۇ بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ كېلەر يىللىق سانىغا مۇشتەرى بولۇپ بەردى. ۋاڭ ئاكا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەۋەتلا خۇشال بولدى ھەمدە ‹‹مانا ئەمدى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت – فاڭجېنلىرىدىن تېخىمۇ ۋاقتىدا، ئەتراپلىق خەۋەردار بولىدىغان بولدۇم›› دېدى.
   ياخشى تۇغقان دەردكە ھەمدەم
   ۋاڭ ئاكىنىڭ قوشنىسى ۋاڭ يىڭ بىلەن پاراسەت تۇغقانلاشقانىدى، ئاينۇر ئۇنىڭ پائالىيىتى قانداق بولۇۋاتقاندۇ؟ دەپ يېنىغا چىققاندا، پاراسەت تۇغقىنىغا تەسەللى بېرىۋاتاتتى:
   ئۇرۇق – تۇغقان دېگەن يەپ – ئىچىش بىلەنلا تۇغقان بولمايدۇ، باشقا كۈن چۈشكەندىمۇ ئۆزئارا ئىزدىشەلىسە، ئاندىن ھەقىقىي تۇغقان ھېسابلىنىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، قانداق ئىشىڭىز بولسا تەڭ قىلىمىز.
پاراسەتنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ۋاڭ يىڭنىڭ تېخى يېقىندىلا ئېرى تۈگەپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ئىدى. پاراسەت ۋاڭ يىڭدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنىڭ يېنىغا چاپتى. چۈنكى دەل مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە، كىشىنىڭ تەسەللىگە ئەڭ موھتاج بولىدىغانلىقى پاراسەتكە ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئۇ ۋاڭ يىڭنىڭ قايغۇسىغا تەڭ ئورتاقلاشتى.
   ‹‹ھەدىسى››نىڭ تولا يىغلاپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئىچى سىيرىلغان پاراسەتنىڭ كۆزلىرىمۇ ياشقا تولدى. ئۆينىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ مەزگىلدە ۋاڭ ھەدىنىڭ قولى ئىشقا بارمىغاندەك قىلاتتى. شۇڭا پاراسەت دەرھال پەرتۇقنى تاقاپ ئىشقا چۈشتى. ئۇ ئاۋۋال ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، كەينىدىن ئاشخانىلارنى تازىلىدى. پاكىز، رەتلىك ئۆيگە قاراپ ۋاڭ يىڭنىڭ كۆڭلىمۇ ئېچىلىپ قالدى.
    بۇ قايغۇلۇق كۈنلەردە پاراسەت ۋاڭ يىڭنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى بولۇپ قالدى. ۋاڭ يىڭنىڭ باشقا قېرىنداشلىرى ئىچكىرى ئۆلكىدە بولغاچقا، بۇ يەردە تۈزۈكرەك ئۇرۇق – تۇغقىنى يوق ئىدى. پاراسەت خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ ئۆلۈم – يېتىمنى ئۇزىتىش، پەتىچىلەرنى كۈتۈش ئادەتلىرىنى سوراپ بىلىۋالغاندىن كېيىن، ۋاي يىڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەن پەتىچىلەرنى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئۇزىتىشىپ بەردى. ۋاڭ يىڭ قايغۇلۇق كۈنلەردە قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولغان تۇغقىنى پاراسەت بىلەن ھەقىقەتەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىنلىشىپ كەتتى. ئۇ تېخى يېقىندىلا ئېرىگە ئالغان يېڭى مېيىپلەر ھارۋىسى بىلەن كونا چاقلىق ھارۋىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا پاراسەتتىن مەسلىھەت سورىدى. ‹‹ئەگەر لايىق كۆرسىڭىز ئاكامنىڭ كونا، يېڭى ھارۋىسىنى مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە ئىئانە قىلىۋېتەيلى›› دەپ مەسلىھەت بەرگەن پاراسەت ئۆيدىكى پەتىچىلەرنى ئۇزىتىپ بولۇپ، مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە يۈرۈپ كەتتى. ۋاڭ يىڭ بالكوندا ئېغىر كۈنلەردە دەردىگە دەرمان بولغان بۇ تۇغقىنىنىڭ كەينىدىن ئۇزاققىچە قاراپ تۇردى.      
     ئىتتىپاقلىق مەڭگۈ داۋاملاشسۇن
    14-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى ‹‹ئاتۇش›› ئاشخانىسىنىڭ ئىچى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. ئېچىلىپ – يېيىلىپ ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئونغا يېقىن خەنزۇ، ئۇيغۇر تۇغقانلار باشقا خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.  
     چېھرىدە تەبەسسۇم، گۇڭۇر – مۇڭۇر پاراڭ بىلەن تاماق يەۋاتقان بۇ بىر ئۈستەل كىشىلىرى ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەر ۋە مەريەمگۈل مەنسۇر، ئاينۇر مۇھەممەد، پاراسەت ھەسەننىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى ئىدى. ئۇلار مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرىنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىمۇ ئۆزئارا ئىزدىشىپ تۇرسۇن، دېگەن مەقسەتتە ئۇلارنى بۇ يەرگە جەم قىلغانىدى. تاماقتىن كېيىن ھەممەيلەن بىللە خەلقئارا چوڭ بازارغا باردى. رەڭدار يىپەك شارپىلار، شىنجاڭنىڭ قۇرۇق يېمىشلىرى، چىمەن دوپپىلاردىن تاللاپ خاتىر سۈپىتىدە تۇغقانلارغا سوۋغا قىلىشتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى ئۇلارغا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇردى. ئۇلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا ھەممەيلەننىڭ بۇرچى بارلىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى.   

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى