تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

‹‹ئىزدىنىش›› ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹پارتىيە 19 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1–ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆز››ى ئېلان قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى نەشردىن چىقىدىغان ‹‹ئىزدىنىش›› ژۇرنىلىنىڭ 1 – سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆز››ى ئېلان قىلىندى.

  ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى ۋە كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ زور سىياسىي ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت باش تېمىسى. يېڭى دەۋر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە يېڭى تەلەپتىن دېرەك بېرىدۇ، يېڭى دەۋر يېڭى كەيپىيات ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى چاقىرىدۇ.

  ‹‹سۆز››دە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم خىزمەتلەر نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت يېڭى تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە، پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، ئىجادىي تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ پىرىنسىپچانلىقى، سىستېمىلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشكە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت يېڭى ئەمەلىيەتكە، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىگە، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئاڭلىق تەتبىقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشى كېرەك. تۆتىنچى، ھەر ساھە، ھەر تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا چوقۇم ماسلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى پۇختا ئىگىلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر ساھە، ھەر تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەك. بەشىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى چوڭ ئىش، دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەسلىگە كىرىدىغانلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، ئاغرىقلارنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيى يوقلارنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار – يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئالتىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹سۆز››دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە ۋە چىدامچانلىق بىلەن دائىم ۋە ئۇزاققىچە تۇتۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچەپ، ئادەت شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  ‹‹سۆز››دە يەنە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتتىكى بارلىق يولداشلارغا بىرىنچى، غايە، ئېتىقادنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچى، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش؛ ئۈچىنچى، ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ تۆتىنچى، ئىستىلنى پۇختا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئۈمىد قويۇلدى.

  بۇ ‹‹مۇھىم سۆز››نىڭ ئېلان قىلىنىشى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.