تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

تۇغقاندارچىلىق رىشتىمىز تېخىمۇ چىڭىدى

    زۇ يى خەۋىرى: 12 ياشلىق ئەسقەر دىلمۇرات 16-دېكابىر چاپچال ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى لى چېڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: لى ئاكا، سىز يەنە قاچان كېلىپ قونىسىز؟ دەپ سورىدى.  
چاپچال ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى 12 كادىرنىڭ جاغىستاي يېزىسى يۇقارقى جاغىستاي كەنتىگە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىغا بىر ھەپتە بولاي دېدى. لى چېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئالتە بىر قېتىم›› (تۇغقانلارغا بىر قېتىم تەشۋىق قىلىش، تۇغقانلار ئارا بىر قېتىم ھەمتۈرتكە پائالىيىتى قىلىش، تۇغقانلار ئارا بىر قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈش، تۇغقانلارغا بىر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، بىر قېتىم مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش – ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بىر قېتىم رەتلەش) پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق،  تۇغقاندارچىلىق رىشتىمىز تېخىمۇ چىڭىدى، ھېسسىياتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
    ساھىپجامال كامال لى چېڭنىڭ تۇغقىنى بولۇپ، 2016 – يىلى ئۇ 45 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئىككى كۈن بولدى لى چېڭ ئۆيىمىزگە يېقىن زاۋۇتتىن ماڭا خىزمەت تېپىپ بەردى.
    لى چېڭ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى بىزنى تېخىمۇ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ بىر نەچچە كۈن تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدە ناھايىتى ئەركىن – ئازادە تۇردۇم، كۈنلىرىم شۇنداق مەنىلىك ئۆتتى. ساھىپجامال كامالنىڭ يېزىدىكى تارانچى يېمەكلىك زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئىشىمۇ پۈتەي دەپ قالدى، ئىشقا چۈشسە ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى