تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«ئىنىم ناھايىتى خۇشپېئىل»

 جېن شىشىن

2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتە يى شىن تۇغقىنى نىغمەت موللائەخمەتنى ئۆيىگە باشلىغاچ:
- ئىنىم، ئالدىراشلىقىڭىزغا قارىماي، سوغۇقتا يەنە كەپسىزغۇ؟،  دېدى.
بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن يى شىن ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چومتاغ (چىماشەن) تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ‹‹شىشېڭ›› مەھەللىسىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە بولۇپ، ئەسكى – تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. 47 ياشلىق نىغمەت موللائەخمەت چومتاغ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئىدى. بىر يىل ئىلگىرى ئۇلار تۇغقانلىشىپ، بىر – بىرىنى ‹‹ئاكا – ئۇكا›› دەپ چاقىرىشىدىغان بولدى.
- ئاكا، بۇ ھەپتە سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇرماقچى، قارشى ئالامسىز؟
 -قارشى ئالىمەن، قارشى ئالىمەن! شۇغىنىسى ئۆيۈم قالايمىقان.
- ھېچقىسى يوق، مەن يىغىشتۇرۇپ بېرىمەن،  نىغمەت موللائەخمەت پاراڭلاشقاچ چاپىنىنى سېلىپ، ئۆي تازىلاشقا كىرىشىپ كەتتى.
نىغمەت موللائەخمەت ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇلغان بىر نەچچە تاغارغا نېمە قاچىلانغانلىقى ۋە نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىدى.
يى شىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇلار ئىككى خالتا سېمونت، ئۈچ خالتا قۇم. يامغۇر ياغقاندا، مەھەللىمىزدىكى ئوڭغۇل – دوڭغۇل جايلارغا سۇ يىغىلىپ قالىدۇ، نەچچە قېتىم كىچىك بالىلارنىڭ ئۇ يەردە يېقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. ھاۋا ئىسسىغاندا، ئۇ يەرنى تۈزلىۋېتەي دەيمەن.  
 -ياخشى ئويلاپسىز، ۋاقتى كەلگەندە ئىككىمىز تەڭ ئوڭشايلى،  دېدى نىغمەت موللائەخمەت.
نىغمەت موللائەخمەتنىڭ نەزەرىدە 20 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە يى شىن كىشىنى ناھايىتى قايىل قىلىدىغان ئادەم ئىدى. نىغمەت موللائەخمەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاكامنى يوقلاپ كېلىپ، پۇل بېرەي دېسەم رەت قىلىپ: قىيىنچىلىقى مېنىڭكىدىنمۇ ئېغىر يەنە نۇرغۇن كىشى بار، ئۇلار ياردەمگە تېخىمۇ موھتاج، دەيتتى. 2017 – يىلى ئۇ مەھەللە بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى، سايباغ رايونى ئۇنى 800 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى. يى شىننىڭ نەزەرىدە نىغمەت موللائەخمەت كىشىلەر باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختايدىغان ياخشى كادىر. يى شىن: ئىنىم ناھايتى خۇش پېئىل، مەھەللىدىكى نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، دېدى.
نىغمەت موللائەخمەت يى شىن بىلەن كېرەكسىز نەرسە – كېرەكلەر بېسىلغان قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش پونكىتىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەھەللىدىن يولغا چىقتى...

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى