تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو–رۇسىيە دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017 – يىلىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو – رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يۇقىرى سەۋىيەدىكى يېڭى مۇھىم تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشتا مۇھىم دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يەرلىك ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تارقىتىپ، تاراتقۇلار ئالاقە يىلىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەلرايى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا قويۇق، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا زور تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى بىر يىلدا مەن سىز بىلەن داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، 2018 – يىلى ۋە 2019 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو – رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق – ئالاقە يىلى پائالىيىتى ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ئالاقىسىنى چوقۇم ئومۇمىي جەھەتتىن كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ئورتاق گۈللىنىش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرىدۇ.

  پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان، ساغلام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. پۇتىن مۇنداق دېدى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بۇ بىر يىلدا رۇسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى. رۇسىيە – جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا مول ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپ يەرلىك ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، 2018 – يىلىدىن 2019 – يىلىغىچە رۇسىيە – جۇڭگو يەرلىك ھەمكارلىق – ئالاقە يىلى ئۆتكۈزىدۇ. بىز جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، رۇسىيە – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتتىكى دوستانە خەلققە بەخت يارىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.