تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2018–يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورى) ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كۆپچىلىك، ياخشىمۇ سىلەر! ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2018 – يىلىنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ يەردە مەن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن! شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى دوستلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  تەبىئەت قانۇنىيىتى ئۆزگەرمىسىمۇ كۈندىن – كۈنگە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. 2017 – يىلى بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 80 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، شەھەر – يېزىلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليوندىن ئاشتى، 900 مىليوندىن كۆپرەك كىشى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، 1 مىليارد 350 مىليون كىشى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلدى، يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ‹‹ئەلنى خۇشال قىلىمەن دېسەڭ، ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىل›› دەيدىغان گەپ بار. 3 مىليون 400 مىڭ نامرات ئاھالىنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق ئىللىق، يېڭى ئائىلىگە ئىگە قىلىندى، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا 6 مىليون يۈرۈش كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاش نىشان–ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى. تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، خەلق تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلىدۇق.

  پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، زور قۇرۇلۇشلاردىن ئۈزۈلمەي خۇش خەۋەر كەلدى. ‹‹ئۆتكۈر كۆز›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى، C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆكتە پەرۋاز قىلدى، كىۋانت كومپيۇتېر تەتقىق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالدى، شورغا چىداملىق شال مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى مۆلچەرلەندى، دۆلىتىمىز ئۆزى ياسىغان تۇنجى ئاۋىياماتكا سۇغا چۈشۈرۈلدى، ‹‹دېڭىز قانىتى›› ناملىق چوڭقۇر دېڭىز پىلانېرى چوڭقۇر دېڭىزنى كۆزىتىشنى تاماملىدى، دېڭىز تەۋەسىدىن تۇنجى قېتىم كۆيۈشچان مۇز سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قېزىلدى، ياڭشەن 4 – قارارلىق ئاپتوماتلاشقان پىرىستانى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، شياڭگاڭ – جۇخەي – ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ‹‹گۈللىنىش›› ناملىق ئوقپويىز  ئېلىمىز كەڭ زېمىنىدا ئۇچقاندەك قاتناشقا باشلىدى... مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن!

  بىز جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا پارات ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگىنىگە 20 يىل بولغان پەيتتە، مەن شياڭگاڭغا بېرىپ، ۋەتەننىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇشى بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىش ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل. بىز يەنە پۈتۈن مىللەت ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ۋە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىق تىلىدۇق.

  بىز دۆلىتىمىزدە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق بىرنەچچە مەيدان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. مەن يەنە دۇنيادىكى بەزى مۇھىم كۆپ تەرەپ يىغىنلىرىغا قاتناشتىم. بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەن داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنىغا قاتناشتىم ھەم ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا سۆز قىلدىم.  كېيىن يەنە  20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنى قاتارلىقلارغا قاتناشتىم. ئوخشاش بولمىغان بۇ سورۇنلاردا مەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا قوشۇلدى.

  مەن 2017 – يىلى ئاممىدىن كەلگەن نۇرغۇن خەتنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇلار ئارىسىدا شىزاڭنىڭ لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي كەنتىدىكى يۇرتداشلار، ئىچكى موڭغۇل سۇنىت ئوڭ خوشۇنى قىزىل مەدەنىيەت خىزمىتى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى غەربىي رايونغا يۆتكەلگەن پېشقەدەم پىروفېسسورلار، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يېڭىدىن ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئىستۇدېنتلار بار، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. خەلقىمىز ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرگىز ۋايسىمىدى. مەن مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، بەختنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

  2018 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 نەچچە يىللىق گۈزەل پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلماي، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  2018 – يىلى بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىمىزغا ئۇچرىغان ھەرقانداق مۈشكۈلاتلارغا باش ئەگمەيدىغان باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  2020 – يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. ۋەدە ___ ئالتۇندىن قىممەت. 2020 – يىلىغا ئۈچ يىل قالغان پەيتتە، پۈتكۈل جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، سەرخىللارنىڭ ھەممىسى جەڭگە ئاتلىنىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، داۋاملىق يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۈچ يىلدىن كېيىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىدا تۇنجى قېتىم ئېغىر نامراتلىق ھادىسىسىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىدىغان ھەرىكەت. شۇڭا بىز جۇڭخۇا مىللىتى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە تاماملىشىمىز كېرەك.

  ھازىر ھەرقايسى تەرەپلەر ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات كەلگۈسىدىن ھەم ئۈمىدۋار بولۇش، ھەم ئەندىشە قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ياشىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭمۇ دەيدىغىنى بار. جۇڭگو ب د ت نىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، تېگىشلىك خەلقئارا بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىدۇ، يەر شارىدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ تىنچ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  بىزنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىيات نەتىجىلىرىمىزنى خەلق ياراتقان، خەلق ئۇلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. مەن خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىنىڭ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، مۇھىت قاتارلىق جەھەتتىكى ئىشلار ئىكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا يەنە كۆڭۈل بۆلىدىغان، بېشى قاتىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بارلىقىنى ئىگىلىدىم. بىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىمىزدە يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار، بۇ بىزدىن بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي پۇختا، ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە كادىرلار ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ بىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

  كۆپچىلىككە رەھمەت!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.