تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

   «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى دىلشات غوجائەھمەت خەۋىرى، فوتوسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدىكى باتۇرانە، قەيسەر بېغىشلاش روھى قىياپىتىنى نامايان قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت  ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 29 - دېكابىردىن باشلاپ شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

   ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان 285 پارچە گۈزەل سەنئەت ئەسىرى، 100 پارچە ھۆسخەت ئەسىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، خەتتاتلار جەمئىيىتى شىنجاڭ بويىچە قوبۇل قىلغان 700 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىچىدىن تاللاپ چىققان بولۇپ، ئاپتورلار ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق ئۇستىلىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىجتىھات بىلەن يېڭىلىق يارىتىۋاتقان بىر ئەۋلاد ياشلاردىنمۇ بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى