شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 1-يانۋار، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ياغقان قار بايراملىق كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى چارشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى مۇشۇ ھەپتىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرانىڭ ℃20- قا چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃6- ئەتراپىدا بولدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە مەركىزىي شەھەردە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15-~ ℃10- ئەتراپىدا بولىدىكەن، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20- قا چۈشۈپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، شىمالي شىنجاڭ قاتتىق سوغۇق مەزگىلگە قەدەم قويغان. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2-يانۋار كۈندۈزدە، بورتالا، قاراماي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارنىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستىدا ئازراق قار ياغىدىكەن.