تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ ماڭىمەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىقنى قوغدايمەن

گۇچۇڭ ناھىيەسى كارىز يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزاباشلىقى سادىق شۈكۈر

   بىز كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسىنى تولۇق ھېس قىلالايمىز، پۇقرالارنىڭ ئويلىغانلىرى دەل بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىزدۇر. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى بولۇپ، كارىز يېزىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، بۇزغۇنچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمدۇر.
   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى −− ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆز ئارا ئالاقە قىلىپ، باردى - كەلدى قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىردىشىپ، ھېسسىياتى ۋە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۇرۇق - تۇغقانلار بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، دوستلۇقى بارغانسېرى كۈچەيدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبى زىچ باغلىنىپ، خۇددى تارام - تارام ئېقىنلار قوشۇلۇپ دەريا ھاسىل قىلغاندەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەزىم دەرياسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. مەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇستەھكەم ئىشەنچ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە غەيرەت - شىجائەت بىلەن، كىبىرنى تاشلاپ، كۆڭلۈمنى توختىتىپ، ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايمەن.
    بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، داۋاملىق باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىنچىكە، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇش تۇپرىقىنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلايمەن. ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ، چىن ھېسسىياتىم بىلەن ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا پائال يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ھەم تۈرتكە بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەممەيلەن ئەقىل كۆرسىتىدىغان، كۈچ چىقىرىدىغان، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تۈزەيدىغان مۇقىملىقنى قوغداش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمەن.
   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئائىلەمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىمەن، خىزمەتداشلىرىمنى يېتەكلەيمەن. ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن سالاھىيىتىمنى ئاشكارىلاپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىم ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرۇمنى كۈچەيتىمەن. باشتىن - ئاخىر ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ، كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى