تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

سەمىمىي كۆيۈنۈش تۇغقانلارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى

مۇيەسسەر ئاباھامىت

    پەيزاۋات ناھىيەسىدە ھەر يەكشەنبە كۈنىدە قىزىيدىغان دېھقان بازىرى  ‹‹شور بازار›› ناھايىتى ئاۋات، بۇ بازاردا ‹‹توخۇ سۈتى››دىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. 12 – ئايدىكى ھەر يەكشەنبە كۈنىدە بۇ بازار مول ھوسۇللۇق كۈز پەسلىدىنمۇ، ھېيت – بايرام كۈنلىرىدىنمۇ بەكرەك قىزىپ كەتتى.
    پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى قەدەمجاي كەنتىدىكى ‹‹شور بازار››نىڭ داڭقىنى پەيزاۋات ناھىيەسى ھەم قوشنا ناھىيەلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىلمەيدىغىنى يوق. ئاپتونوم رايون ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئىدارە، ئورگانلاردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››گە كەلگەن ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا بۇ بازار ناھايىتى ئۆزگىچە ۋە يېقىشلىق بىلىندى، ‹‹شور بازار››مۇ يېڭى – يېڭى ئەزىز مېھمانلارنى، بۇ ناھىيەدىكى قېرىنداشلىرىغا مېھىر – مۇھەببەت يەتكۈزۈۋاتقان ھەر مىللەت تۇغقانلارنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بازاردا بوۋاي – مومايلارنى قولتۇقلىۋالغان خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، شىبە، تاتار، خۇيزۇ، داغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ھەر مىللەتتىن تەشكىللەنگەن ‹‹ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى›› ھەممىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. بۇ يۇرتتىكىلەر يىراقتىن كەلگەن تۇغقانلىرىنى يۇرتىنىڭ ئۆزگىچە يېمەك  –  ئىچمەكلىرىگە ئېغىز تەگكۈزۈشكە ئالدىرىسا، يىراق يۇرتلاردىن كەلگەن تۇغقانلار قېرىنداشلىرىنىڭ كەم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى، قىشلىق كىيىملىرىنى تولۇقلاپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىراش ئىدى. يەنە بەزىلەر تۇغقانلىرىغا يوللۇق تۇتىدىغانغا يەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ بېرىشقا ئالدىرىسا، كىچىك بالىلار شەھەرلىك ‹‹دادا – ئاپىلىرى››، ‹‹ئاچا – ئاكىلىرى››نىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلار بىلەن خۇددى ئۇزاق يىللىق قېرىنداشلاردەك مۇڭدىشىپ، ئىنتايىن خۇشال ھالدا بازار ئايلىناتتى.
    تۇغقانلىرىمىزنىڭ كېتىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، بىز ئۇلارغا پەقەت قىيمايۋاتىمىز،  دېدى جامباز يېزىسى گال كەنتىدىن رابىيگۈل تۇرسۇن،  بىز ئۇلار بىلەن بىر ھەپتە بىللە تۇرۇش جەريانىدا خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك چىقىشىپ كەتتۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق. ئەڭ مۇھىمى پەرزەنت تەربىيەسى، قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك ئايال، لاياقەتلىك ئانا بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چۈشەندۇق. ‹‹كۆرگەن كۆرگەننى قىلار، كۆرمىگەن نېمىنى›› دېگەندەك، بىز ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن پارتىيەگە ئەگىشىپ تىرىشىپ ئىشلىسەكلا، ئاياللارمۇ قەددىمىزنى رۇسلاپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى، ئائىلىمىزنى گۈلدەك تۇتۇپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ يەتتۇق.
   ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا – كەنتلىرىگە تۇغقانلىشىشقا كەلگەن كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن يېتىپ – قوپۇشتا، تاماقتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، نامرات تۇغقانلىرىنى يۆلەش پىلانىنى قايتىدىن تۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتنى پىلانلىدى، شۇنداقلا ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارغا ھەر تەرەپتىن ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. بىر ھەپتە جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدىكى چۈشىنىش، مېھىر – مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، تۇغقاندارچىلىق تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
   ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ لىغىلدىما كەنتى، باغتوغراق كەنتى، لەڭگەر كەنتى، يولچى كەنتى قاتارلىق تۆت كەنتكە ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››گە كەلگەن كادىرلار مەخسۇس مېتېئورولوگىيە بىلىملىرىدىن دېھقانلارغا لېكسىيە سۆزلىدى. قىش پەسلى دېھقانلارنىڭ ئارسال مەزگىلى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانلارغا مېتېئورولوگىيە ساۋاتلىرىنى ئۆگەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شەۋكەت دۆلەت سۆزلىگەن ‹‹شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش›› تېمىسىدىكى لېكسىيەدىن دېھقانلار ھاۋا رايىغا مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ھەم مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولدى.
    مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىكى تۇغقانلىرىمىز بىزگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپلا قالماي، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، مېتېئورولوگىيە ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى، ئۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى بىلدۈردى،  دېدى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى يولچى كەنتىدىكى دېھقان قاسىم ھوشۇر،  بىز دېھقانلار پەن – تېخنىكا جەھەتتىكى بىلىملەرگە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق، شۇڭا بىز تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىزنى كۆپرەك پەن – تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.   
   شىنجاڭ 6 – بىناكارلىق – قۇرۇلۇش شىركىتىدىن پەيزاۋات ناھىيەسى گۈللۈك يېزىسىنىڭ يالغۇزتال كەنتىگە ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››گە كەلگەن كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، بىر ھەپتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تۇغقانلىرىنىڭ قوتان سېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلدى. شىنجاڭ 6 – بىناكارلىق – قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ كادىرى شيا ياۋگونىڭ تۇغقىنى يۈسۈپ غوجىغا ياغاچ – تاش ئېلىپ بېرىپ، كەسپىي جەھەتتىن يول كۆرسىتىشى بىلەن نەچچە كۈندە ئۇنىڭ قوتىنى پۈتتى. ئوغلى ھىدايىتىللا يۈسۈپنىڭ شيا تاغىسى ئەكىلىپ بەرگەن چارۋا باقمىچىلىقى توغرىسىدىكى كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، شيا تاغىسى ئېلىپ بەرگەن ئۈچ قوينى ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ چارۋىلىرى تېز كۆپەيدى. ئۇ ئەتىيازدىن باشلاپ يېڭى سالغان قوتاندا تېخىمۇ كۆپ چارۋا بېقىپ، شيا تاغىسىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
   شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىن جامباز يېزىسىنىڭ قەدەمجاي، جامباز، ساڭ، گال قاتارلىق تۆت كەنتىگە ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››گە كەلگەن كادىرلار تۇغقانلىرىغا باشلامچىلىق بىلەن كېلەر يىللىق ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە مۇشتەرى بولۇپ بەردى. ئۇلار تۇغقانلىرىنى پارتىيە گېزىتىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئوقۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، تىرىشىپ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئۈندىدى.
     بىز بىر ھەپتە تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى كۈچەيتىپلا قالماي، گېزىتخانىمىزدىكى ھەر مىللەت كەسىپداشلىرىمىز ئارىسىدىكى دوستلۇق ھەم مېھىر – مۇھەببەتنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق،  دېدى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ مۇدىر مۇھەررىرى ئادالەت ئابدۇۋاھىت،  بىر ھەپتە جەريانىدا تۇغقانلىرىمىزغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە بىللە ئۆگىنىپ، سىياسىي ئېڭىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈردۇق، تۇرمۇش ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنى چېنىقتۇردۇق، بۇ بىر ھەپتىدىكى ھەربىر كۈنىمىز ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى