تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

چىلاننىڭ ئوخشاش بولمىغان يېيىش ئۇسۇلى

چىلان سۈيىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم : ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ
چىلان، لۇڭيەن مېۋىسىنى قارا شېكەر سۈيىدە  قاينىتىپ، چىلان، لۇڭيەن مېۋىسى ئىزىلگەندە تۇخۇمنى سالىمىز ، بوش ئوتتا تۇخۇمنى پىشۇرىمىز. چىلان، لۇڭيەن مېۋىسى ۋە قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمى بار.
 چىلان شوۋىگۈرۈچى : ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ
 مۇۋاپىق مىقداردىكى  پىياز گۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقى، چىلان، تېرىق قاتارلىقلارنى بىللە قاينىتىپ ئېچىپ بەرسە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

 چىلان چېيى : كېكىردەكنى ئاسىرايدۇ
چىلان بىلەن لۇڭيەن مېۋىسىنى بىللە چاي دەملەپ، ئىچىپ بەرسە قان  تولۇقلايدۇ . قىزىل چاينى قورۇپ قارا ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، دەملەپ ئىچىپ بەرسە  ئاشقازان ئاغرىقى ۋە سوغۇقى ئېشىپ كېتىشنى داۋالايدۇ.
 چىلان شورپىسى : يۆتەل توختىتىدۇ
 ئاق مورنى سۇغا چىلاپ كۆپكەندىن كېيىن، چىلان، ناۋات بىلەن بىللە قازانغا سېلىپ، ئالدى بىلەن  چوڭ ئوتتا قاينىتىپ،سۇس ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىمىز، يۆتەل توختىتىش رولى بار.
دۈملەنگەن چىلان : دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
 چىلاننىڭ قان تولۇقلايدىغان رولى بار ، زىققا كېسىلى بىمارلىرى بولۇپمۇ يېشى چوڭراق بىمارلار كۆپ چىلان يەپ بەرسە، زىققىغاا قارىتا بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش رولى بار .

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى