تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مېۋە-چىۋىنى تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىش توغرىمۇ؟

      ئەگەر ئۈچ ۋاخ تاماق ئورنىغا پەقەت مېۋە–چىۋىنىلا ئاساس قىلىپ، مەسىلەن، ئۈچ كۈن ئۇدا ئالما يەپلا بەرسە، ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئادەتتىكى نورمال تاماق يېگەن ۋاقىتتىكىدىن %60 تۆۋەنلەتكىلى، بەدەن ئېغىرلىقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ياغنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئېغىرلىقنىڭ چۈشۈشى بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشى ۋە سۇ تەركىبىنىڭ خورىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     ئادەتتە ئاقسىل بەدەندىكى سۇ بىلەن بىرگە ساقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى ئاقسىل خورىسىلا، تەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بەدەن مېۋە-چىۋە ئارقىلىق كالىي تولۇقلايدۇ، ھەرخىل تۇزلۇق قورۇلغان سەي كۆكتاتلار ۋە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئىستېمالدىكى بۇخىل ئۆزگىرىش بىلەن بەدەندىكى سۇ مىقدارى خوراپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئەزەلدىن تاماقنى تىزگىنلەپ تۇرۇپ ئورۇقلاپ باقمىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ سېھرىي كۈچى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. لېكىن بۇ ئۇسۇل بەدەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۇ ئازلاپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. نورمال تاماق يېيىش ئەسلىگە كەلگەن ھامان ئادەم قايتا سەمىرىپ كېتىدۇ.

    بەزىلەر، ئۇزۇن مەزگىل تاماق يېسە ياكى باشقا تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپلا قايتا سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلىغىلى بولىدۇ،دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغاندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېۋىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق ۋىتامىن B، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئاقسىل مىقدارىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت تاماقنىڭ ئورنىغا مېۋە ئىستېمال قىلىۋەرسە، ئاقسىل خوراپ، ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاقىۋەتتە، نورمال تاماق يېيىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھامان قايتا سەمرىپ كېتىدىغان، تاماق يېمىسە بەدەن ئىششىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.

    مېۋە-چىۋە ئارقىلىق ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ___تاماقتىن بۇرۇن بىر ئاز مېۋە يەپ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ، ھەددىدىن زىيادە قورساق ئېچىپ كېتىشنىڭ ياكى تاماقنى ئالدىراپ جىق يەۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاندىن ئاساسلىق تاماقنى ئازايتىپ، ئاقسىل مول يېمەكلىكلەرنى قوشۇمچە تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. ئاساسلىق تاماقنىڭ مەلۇم بىر ۋاخلىقىغا مېۋە يېيىشكىمۇ بولىدۇ. بىراق بىر ۋاخ تاماقتا چوقۇم سۈت، تۇخۇم، پۇرچاق، تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئاقسىل تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. سۈتتە تۆمۈر سىنىك قاتارلىق ئاقسىل مىكرو ئېلېمېنتلار بەك تۆۋەن، پۇرچاق ۋە تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى تۆمۈر،سىنىك قاتارلىقلارنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشمۇ تۆۋەن بولغاچقا، كۈندە چوقۇم ئازراق گۆش ياكى بېلىق (قىلتىرىقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن 50-100 گىرام بولسا مۇۋاپىق)نى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا مۇرەككەپ ۋىتامىنلىق  ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىمۇ قۇشۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى (2017-يىل 5-سان)دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى