تورتقا سانجىلغان شاملارنى پۈۋلەش توغۇلغان كۈن سورۇنىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، لېكىن ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا ئەمەلىي سىناق ئىشلەنگەندىن كېيىن، ئېرىشكەن نەتىجىگە ئاساسەن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: تورتتىكى شاملارنى پۈۋلەش تورتقا قونىدىغان ھەر خىل كېسەللىك ۋىرۇسىنى 14 ھەسسە كۆپەيتىۋېتىدىكەن.
سىناق داۋامىدا مۇتەخەسسىسلەر يۇمىلاق كۆپتۈرمە يالتىراقنى تورتنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت قەلەي ياپراقچە يايدى، ئاندىن ئۇنىڭ يۈزىگە قىيام سۈركىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭدار شاملارنى سانجىدى. ئاخىرىدا پىسا يەپ ھاياجانلانغان ئوقۇغۇچىلارنى چاۋاك چالغاچ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپ، شامنى كۈچەپ پۈۋلەپ ئۆچۈرۈشكە بۇيرىدى.
سورۇن تاماملانغاندىن كېيىن، مۇيەخەسسىسلەر قەلەي ياپراقچىغا قونغان شۆلگەي ئەۋرىشكىسىدە مىكروب يېتىشتۈردى ۋە يېتىلدۈرۈلگەن مىكروبلارنىڭ قەلەي ياپراقچىدا ئەسلىدە بار مىكروبلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بايقىدى. ئاخىرقى تەتقىقات نەتىجىسى تورتتىكى مىكروبنىڭ شام پۈۋلەپ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن 14 ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبنىڭ كۆپىنچىسى زىيانسىز، شۇڭا شام پۈۋلەشتىن كۆپەيگەن مىكروبنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى