تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈلدى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز خەۋەر قىلىدۇ: شايار ناھىيەسىنىڭ خادادۆڭ بازىرى يېقىندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن زېھىن سىناش ۋە ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار كادىر، دېھقان – چارۋىچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، يۇرتىدا، ئەتراپىدا، ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى، بۇ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى سۆزلىدى.

  ئەركەش قوتان كەنتىدىكى خەيرىگۈل ئېزىز نۇتقىدا ئالتە يىل ئىلگىرى تەرەققىياتى ياخشى باشقا يېزىدىن تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى توغراقلىق ئارىسىغا جايلاشقان، ناھىيە مەركىزىدىن يۈز نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ يۇرتقا ياتلىق بولۇپ كەلگەندە، بۇ يەردە توك يوق، قاتناش قولايسىز، مەكتەپ يوق بولۇپ، بۇ يەردىكىلەر بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتالمىغانلىقىنى، ھازىر پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا بۇ يەردە بۇرۇنقى قالاق ھالەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سۆزلىدى. خەيرىگۈل ئېزىز مۇنداق دېدى: بىرقانچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كېۋەزگە، ئوتلاققا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. ھۆكۈمەت بۇ يىل بازىرىمىزغا ئۆلچەملىك ئۈچ يەسلى سېلىپ بېرىپ، بالىلىرىمىزنى ئۆيىمىزنىڭ قېشىدىلا يەسلىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، پاختا سېتىۋېلىش پونكىتى سېلىپ، بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ پاختا سېتىشتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. ھازىر تارىم دەرياسىنىڭ بازىرىمىز تەۋەسىدىكى بۆلىكىگە كۆۋرۈك سېلىنىۋاتىدۇ. كۆۋرۈك پۈتسە ناھىيە ۋە قوشنا يېزا – بازارلارغا بېرىشتا دەريادىن كېمە ئارقىلىق ئۆتۈش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ. قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى مەزمۇنلارنى ئاڭلاپ، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى. شۇڭا، مەڭگۈ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  ئۇپقان كەنتىدىكى 19 ياشلىق ھۆرىگۈل ئوسمان مۇنداق دېدى: مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئاتا – بوۋام مۇشۇ يەردە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قىلىپ كۆپ جاپالارنى چەككەن. بۇ يەردە مەكتەپ بولمىغاچقا، ئاتا – ئانام مېنى گۈلباغ بازىرىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ ئوقۇتقان. ھازىر شارائىتىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەگە كۆپتىن – كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. مەن كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ ھەيئىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەنتىمىزدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى، جۈملىدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋانگارتلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، خادادۆڭ بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بويىچە ئورگان ۋە كەنت كادىرلىرىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى، تەسىرات ماقالىسى يېزىشقا تەشكىللىدى. كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە يەرلىك تەشۋىقاتچىلاردىن بىرلەشمە تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ، ئائىلە زىيارىتى، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، دېھقانلار كەچلىك كۇرسىدا تەشۋىقات ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن باشقا، كەنتلەر ئۆز ئالدىغا ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ زېھىن سىناش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، رادىيو چوڭ كانىيىدا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، تەشۋىقاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بارلىق كادىر ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى