تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

 مۇزېيدىكى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن

  مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

  12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11دە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹ئالتاي›› يولىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىر توپ ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ مېھمانلار ئارىسىدا ھەر مىللەتتىن بولغان بوۋاي – مومايلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياش يىگىت – قىزلار، ئەمدىلا تەمتىلەپ مېڭىشنى ئۆگەنگەن نارەسىدە بالىلار، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان مېيىپلەر ۋە بىراۋ يېتىلىۋالمىسا يول يۈرۈشتە قىينىلىدىغان ئەمالارمۇ بار ئىدى. ئەسلىدە بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان 40 خىزمەتچىسى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنىدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رەيھان ئابلىز قوشماق تۇغقىنى جياۋ سۈيلەن ئاپىسى بىلەن ئۆز ئاپىسى قەمبەرنىسا توختىنى قولتۇقلاپ، مۇزېيدىكى بۇيۇملارنى ئىككى ئاپىسىغا بىرمۇبىر چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

  ــ نېمە ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››دە قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىلەن بىللە كوللېكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان جاي قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭلار؟! -دەپ سورىدىم مەن رەيھان ئابلىزدىن.

  ــ بۇ يەردە شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك ماددىي بۇيۇملار بار، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەرنى بىر قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلىش شىنجاڭ تارىخى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق دەرس ئاڭلىغان بىلەن باراۋەر. بىز ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مۇشۇنداق چاغلاردا قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىز بىلەن بىللە مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئىدارىمىزدىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە تۇغقانلىرىمىزغا ‹‹شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسى بېرىش، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدا ئەزەلدىن ھەر مىللەت خەلق ئېجىل – ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەنلىكى ھەمدە بۈگۈنكى باي – باياشات، بەختىيار شىنجاڭنى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ھەر مىللەت خەلق مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە قۇرۇپ چىققانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››نىڭ كوللېكتىپ پائالىيىتىنى يىغىن زالى، پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەمەس، مۇزېيغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئالاھىدە قىزىقىشىمنى قوزغىغانىدى، شۇنداق بولغاچقىمۇ، رەيھان ئابلىزنىڭ بۇ جاۋابى مېنى قايىل قىلدى.

  ــ مەن بۇ يىل 74 ياشقا كىردىم، ــ دېدى رەيھان ئابلىزنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى جياۋ سۈيلەن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا، ئۈرۈمچىدە شۇنچە يىللار ياشىغان بولساممۇ، بۇ يەرگە زادىلا كېلىپ باقمىغان ئىكەنمەن، بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ، يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. مەن بىر ‹‹7 – ماي ئىشچىسى››، ئايلىق مائاشىم 1500 يۈەن ئەتراپىدا، ئېرىم خېلى يىللار ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەچكە، ئوغلۇم بىلەن بىللە تۇرىمەن. رەيھاننىڭ ئاپىسى قەمبەرنىسا ئىككىمىز 20 نەچچە يىللىق قەدىناس دوست بولغاچقا، ئىككى ئائىلە ئىزچىل ئۇرۇق – تۇغقاندەك ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ كەلگەنىدۇق. بۇ قېتىم تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قەدىناس دوستۇمنىڭ قىزى مېنىڭمۇ ‹‹قىزىم›› بولۇپ قالدى، ‹‹قىزىم›› رەيھان ئۆيۈمدە قونۇۋاتقان تۆت كۈندىن بۇيان، ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، مېۋە، كۆكتاتلارنى ئەكىلىپ بەرگەندىن سىرت، ماڭا لەڭمەن، پولو ئېتىپ بەردى، ھەر كۈنى كەچتە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوقۇپ بەردى، مەن بىلەن يانمۇيان يېتىپ مۇڭداشتى. رەيھان ئائىلىمىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، ھازىر ئۆيۈم بۆلەكچىلا ئىللىپ قالدى. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى بىزنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى.

  سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ قارىمىقىدىكى ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىيۈ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئاينىسا ئەمەتنىڭ ئۈچ ياشلىق نەۋرىسىنى خۇددى ئۆز بالىسىدەك باغرىغا مەھكەم بېسىپ كۆتۈرۈۋالغانىدى، بالىنىڭ چىرايىدىن ھېچقانداق قورۇنۇش ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى.

  ــ مەن ئاينىسا ئەمەت بىلەن بۇلتۇر 11 – ئايدىن باشلاپ ‹‹تۇغقان›› بولغانىدىم، ــ دېدى ياڭ جىيۈ، ــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمىدە ئاينىسا ئەمەتنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ، بۇ ئائىلىدىكى تۆتەيلەن بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە ۋە ئۆگىنىشتە بىللە بولدۇم. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆيى ئاران ئىككى ئېغىز بولسىمۇ، بىر ئېغىز ئۆينى مېنىڭ يېتىپ – قوپۇشۇمغا ئاجرىتىپ بەردى، قىزىنىڭ تويىغا ئاتاپ تەييارلاپ قويغان يېڭى يوتقان – كۆرپىلەرنى ماڭا سېلىپ بەردى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېتىملىق تائاملىرى بىلەن مېنى مېھمان قىلدى، بۇنىڭدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. مەنمۇ ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە چامىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلدىم، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم. ئۇلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ئائىت ھۆججەتلىرىنى ئوقۇپ بەردىم، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئائىت ياخشى سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردۈم. بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالدۇق.

  چۈشەندۈرگۈچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدىكى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان خەنزۇ قىز بىلەن چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىز دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى. خەنزۇ قىزنىڭ ئىسمى جاڭ يەن، ئۇيغۇر قىزنىڭ ئىسمى مۇنىرە مامۇت ئىكەن، بۇ ئىككىيلەننىڭ ‹‹تۇغقان›› بولۇش ھېكايىسى باشقىلارنىڭكىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىكەن.

  ــ جاڭ يەن ھەدەم بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق تاسادىپىي قاتناش ۋەقەسىدە مېيىپ بولۇپ قالغان ئىكەن، ــ دېدى مۇنىرە مامۇت زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا، ــ ئىككىمىز 2016 – يىلى 4 – ئايدا مەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە سايباغ رايونىغا قاراشلىق يامالىق تېغى كوچا باشقارمىسىنىڭ ياشلار ئاھالە كومىتېتىدا تۇرغاندا تونۇشقانىدۇق. شۇ چاغدا جاڭ يەن ھەدەم خىزمەت ئەترىتىمىز ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ مېيىپ بولغاچقا تۇرمۇشتا تەبىئىي ھالدا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە ياردەم قىلىپ كەلدىم. 2016 – يىلى 11 – ئايغا كەلگەندە بىز رەسمىي ‹‹قوشماق تۇغقان›› بولدۇق، مەن ئۇنى ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، ۋاقتى – ۋاقتىدا يوقلاپ تۇردۇم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، مەن 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇشقا باشلىدىم، تۆت كۈندىن بۇيان، ئۇنىڭ بىلەن خۇددى بىر قورساق ئاچا – سىڭىللاردەك بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتىمىز، بۈگۈن ئەتىگەندە ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.

  سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كوللېكتىپ پائالىيىتى ھەقىقەتەن مول مەزمۇنلۇق ھەم ئەھمىيەتلىك بولغانىدى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىكى ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قوشماقلاشقان تۇغقانلار چۈشلۈك تاماقنى بىللە يېيىشتى، تاماقتىن كېيىن ‹‹ئۆكتەبىر›› كىنوخانىسىغا كېلىپ، بىللە كىنو كۆردى...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى