شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن نويابىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە توك چىقىرىش مىقدارى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئاشقان بولۇپ، ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارى 228 مىليارد 260 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشقان؛ بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.9 ئاشقان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت بويىچە ئېلېكتىر ئىستېمال سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. بۇ يىل يانۋاردىن نويابىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت بويىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى 182 مىليارد 570 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشقان، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.3 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولغان.