تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

‹‹بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى››

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ شو خەۋىرى، فوتوسى

  12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئەتىگەندە، شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز – قۇلاق – بۇرۇن – يۇتقۇنچاق كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى ياڭ جياۋجياۋ تۇغقىنى سائادەمنى تاراندۇرغاندىن كېيىن، ئۇماچ ئەتتى، ئارقىدىن بازاردىن نان سېتىۋالدى، سائادەم ناشتىدا ئۇماچ بىلەن نان يەيتتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى تاللىق كەنتىگە كېلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. بۇ، ياڭ جياۋجياۋنىڭ تۇغقىنى سائادەمنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى.

  ـــ ئۆيۈمدە قانداق ئىش بولسۇن بۇ ‹‹قىزىم›› كېلىپ ياردەملىشىدۇ، ــ دېدى سائادەم ھاياجانلانغان ھالدا.

مېڭىش ئالدىدا، سائادەم ياڭ جياۋجياۋنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدى. ياڭ جياۋجياۋ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ: بىرقانچە كۈندىن كېيىن سىلەرنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن، بىز دېگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى، دېدى.

سۈرەتتە: سائادەم 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ياڭ جياۋجياۋدىن ئايرىلىشقا قىيماي، كۆز يېشى قىلماقتا.

سۈرەتتە: ياڭ جياۋجياۋ بىلەن سائادەم 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سائادەمنىڭ ئىككى قىز نەۋرىسىنى يەسلىدىن بىللە ئېلىپ كەلمەكتە.

 سۈرەتتە: ياڭ جياۋجياۋ سائادەمنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى